خىتايدىكى تۇز قەھەتچىلىكى ساراسىمىدىن كېيىنكى تۇزنى قايتۇرۇش دولقۇنى
2011.03.22

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە 16-مارتتىن باشلاپ خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى شەندۇڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىدە تۇز قەھەتچىلىكى ساراسىمى يۈز بېرىپ، يود قوشۇلغان تۇزنىڭ باھاسى نەچچە ئون ھەسسە ئۆرلىگەن. شۇنداقلا خىتايدىكى تۇز ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىمۇ ھەسسىلەپ ئۆرلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا يود قوشۇلغان تۇز قەھەتچىلىكى ۋەھىمىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى تەشۋىقاتىدا ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ زىيادە كۆپ بېرىلىشى، شۇنداقلا 15-مارتتىن باشلاپ خىتاي تور بېكەتلىرى ھەم تېلېفون قىسقا ئۇچۇرلىرىدا تارقالغان «يود قوشۇلغان تۇزنىڭ ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار» دېگەن ئۇچۇرلار سەۋەب بولغان ئىكەن.
خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لى ئەپەندى خىتايدىكى «يود قوشۇلغان تۇز قەھەتچىلىكى ۋەھىمىسى»گە ئالدى بىلەن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدا ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرى ھەققىدە بىر تەرەپلىمە خەۋەرلەرنى زىيادە كۆپ بېرىش قىلمىشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىم ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئىلمىي بولمىدى. يەنى مەتبۇئاتلارنىڭ ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى زىيادە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشى ھەم ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرى ئەڭ ئالدى بىلەن خىتايدىكى شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى رايونلارغا تارقىلىدۇ دېگەنگە ئوخشاش تەشۋىقاتلىرى خىتاي پۇقرالىرىدا ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بەرگەن خەۋەرلىرىدە ياپونىيىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپ بېرىلدى. شۇڭا ئەسلىدىنلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھەم مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ۋەھىمە كۈچىيىپ، خىتايدا تۇز قەھەتچىلىكى ساراسىمى يۈز بەردى.»
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەپتىدىن باشلاپ خىتايدا يەنە، ئۆتكەن ھەپتە تۇزنى زىيادە جىق سېتىۋالغىنى ئۈچۈن قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆچىرەتتە تۇرغان خىتاي خېرىدارلىرى بىلەن سېتىۋېتىلگەن تۇزنى قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغان يېمەكلىك دۇكانلىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش ئەۋج ئالغان.
لى ئەپەندى يەنە ئاپەتتىن كېيىن تەرتىپلىك ھالدا ئۆز-ئارا قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن ياپونىيە خەلقىنىڭ يۇقىرى ساپاسى بىلەن خىتايدا يۈز بەرگەن تۇز قەھەتچىلىكى ۋەھىمىسى ھەم نۆۋەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇزنى قايتۇرۇش دولقۇنىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«ياپونىيىدە ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپون ھۆكۈمىتى بىلەن ياپون خەلقى بىر گەۋدىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ، سودا ئورگانلىرى پۇقرالارغا ھەقسىز ئىچىملىك ھەم يېمەكلىك تارقىتىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئەمما، ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتايدا يود قوشۇلغان تۇز قەھەتچىلىكى يۈز بېرىپ، تۇز سودىگەرلىرى باھانى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئارىسىدا ساراسىمە پەيدا قىلدى. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئەلۋەتتە بۇ ۋەھىمە بىر مەزگىل بېسىلدى. يېمەكلىك دۇكانلىرىنىڭ ئالدىدا ئارتۇق ئېلىۋالغان تۇزلارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرغان خېرىدارلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق ۋەھىمىلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك، زىيادە تەشۋىق قىلىش خاھىشى ناھايىتى ئېغىر. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بولسا ھۆكۈمەتكە ھەم ئۆزىگە ئىشەنچى يوق. شۇڭا مېنىڭچە، ئەگەر خىتايدا مەيلى تەبىئىي ئاپەت بولسۇن ياكى باشقا ۋەقەلەر يۈز بەرسۇن، تۈرلۈك ۋەھىمىلەر سەۋەبىدىن پۇقرالار ئارىسىدا كېلىپ چىقىدىغان ساراسىمە ھەم قالايمىقانچىلىقنى توسۇپ قالغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.»
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن يود قوشۇلغان تۇز قەھەتچىلىكى ھادىسىسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئالدى بىلەن يود قوشۇلغان تۇزنىڭ ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرىنى توسۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇندىن باشقا تۇز باھاسىنى ئۆستۈرگەن سودىگەرلەر ھەم دۇكانلارنى جازالاپ ئۇلارغا جەرىمانە قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتە داۋاملاشقان تۇز قەھەتچىلىكى ۋەھىمىسىگە دەسلەپكى قەدەمدە خاتىمە بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى يېمەكلىك دۇكانلىرىدا تۇزنىڭ سېتىلىش مىقدارى ھەر يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان.