0:00 / 0:00
بۇلار تۈرك ۋەتەندىشى بولغاچقا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقە قىلىپ، مەزكۇر 3 كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلغان.
بۇ ئىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھېدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ 3 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر 3 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرمەكتە. بىز ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھېدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.