ئۇكرائىنىيىدە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلدى

3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇكرائىنىيىدە چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىندا 21 - ئەسىرگە كىرگەن، ئىنسان ھەقلىرى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن كۈنىمىزدە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلەر يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.03.10
Yawrasyada-ayallar-mesilisi-305 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﯩﻴﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ياۋرو - ئاسىيا فېدېراتسىيىسىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇكرائىنىيىنىڭ قىرىم ئارىلىدىكى سىنفېراپول شەھرىدە 3 - ئاينىڭ 7 - 8 - كۈنلىرى "ياۋرو - ئاسيادىكى ئاياللارنىڭ مەسىلىلىرى" ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلغان.

بۇ يىغىنغا ئافغانىستان، ئازەربېيجان، گرۇزىيە، ماكېدونيە، كوسوۋا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 18 دۆلەتتىن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا، ياۋرو - ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئاياللارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، يىغىن ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن قارار ماقۇللانغان.

 بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا بۇكسۇرنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا ماقۇللانغان بۇ قاراردا نۇقتىلىق ھالدا دۇنيا دۆلەتلىرى ئافغانىستان، ئىراق ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم - قىزلار دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىلغان.

بۇ يىغىنغا گەرچە ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى نۇقتىلىق ھالدا يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەن.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگانلاردىن بىرى بولغان تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللا بۇكسۇر ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.   


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.