نامايىشچىلارنىڭ شۇارلىرى: زوراۋانلىققا قارشى تۇرىمىز، تەھدىتلەردىن قورقمايمىز، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايمىز، ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز دېگەن مەزمۇنلاردا بولغان.
نامايىشچىلارنىڭ سانى دەسلەپتە 1000كىشى ئەتراپىدا بولۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن نامايىشچىلار قوشۇنى كېچە سائەت 9 ئەتراپىدا 10مىڭغا يېقىنلاشقان.
نامايىش باشلىنىش بىلەن تەڭ خىتاي تەرەپ مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق قىسىم ئەسكىرى 10 لىغان تانكا يەنى بروۋنىك بىلەن، نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ،نامايىشنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما نامايىشچىلار يولىدىن قايتمىغان؛ ئۇلار ھەقسىزلىققە، بوزەك قىلىشقا، كەمسىتىشكە، قىرغىنچىلىققا قارشى شۇارلىرىنى توۋلاپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان. خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن دەسلەپتە كۆز ياشارتىش بومبىسى ئاتقان، ئارقىدىن نامايىشچىلارغا قارىتا ئوق چىقارغان. ئەمما نامايىشچىلار قارشىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان.
خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغاندىن كېيىن، نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان. نامايىشچىلار قوشۇنىغا جەمىيەتتىكى ياشلارمۇ ئىشتراك قىلغان. ياشلار خىتاي ساقچى قىسىملىرى ۋە ئەتراپتىكى دۇكانلارغا ھۇجۇم قىلغان.
نۆۋەتتە ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىدارلار سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇۇماتلار مەۋجۇت. ۋەقەنى نەق مەيداندىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۇشىچە، ۋەقەدە 10دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن؛ ئەمما ئۆلگۈچىلەرنىڭ مىللەت تەركىۋى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. رويرۇرۇس، بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقارا ئاخباراتلارنىڭ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسەن بىلدۈرىشىچە ۋەقەدە 3 خىتاي ئۆلگەن.
بۇ قېتىمقى نامايىىشقا، گۇاڭدوڭ ۋەقەسىنى ئىنتەرتتىن ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تورداشلار، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاكتىپ جەمىيەت ياشلىرى ئورتاق ئىشتىراك قىلغان. نامايىش باشلىنىش ئالدىدا ۋە داۋاماىدا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى قورشاۋغا ئالغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ۋەقەگە كەڭ - كۆلەمدە قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
گۇاڭدوڭ ۋەقەسىگە ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم ۋە ھۆكۈمەت، ئۈرۈمچى نامايىشىغا ئىنكاس دەرھال قايتۇرغان ۋە ۋەقەنى ۋەقەنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ تەشكىللىگەنلىكىنى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نامايىشنى كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ قېتىمقى نامايىش ئەسلىدە، تېنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىش پىلانلانغان. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا، نامايىشچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن توسۇغان، تۇتقۇن قىلغان ۋە ئوق چىقارغان بولغاچقا، نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان. توقۇنۇش داۋامىدا ئاپتوۋۇزلار كۆيدۈرۈلگەن، بىرقىسىم دۇكانلارنىڭ ئىشىك دېرىزىلىرى چېقىلغان.
رادىيومىزغا ئەلخەت ۋە تېلىپون ئارقىلىق كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە ساەت 12 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا، ئوق ئاۋازى ۋە قىقاس - چۇقانلار داۋام قىلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.