' جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى' خىتاينى ئۈرۈمچىدە تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە توپلىنىپ، دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان 7 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى قويۇپ بېرىلگەن، لېكىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.06.15

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم دىنىي گۇرۇھلار تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
 
بۇ يىل 5 ‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىن توپلانغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا توپلىنىپ، دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقان ئىدى. دەل شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ج خ باشقارمىسىنىڭ ئىككى نەپەر ساقچىسى ۋە قوغداش بۆلۈمىنىڭ بىخەتەرلىك ئەترىتىدىكىلەر يىغىن مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ، يىغىندىكى 7 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلغان.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى"نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇت، قولىنى كىشەنلەپ، مەكتەپ بىخەتەرلىك ئىشخانىسىغا ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنى بۇ يەردە سوراققا تارتىپ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يوللاپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
لېكىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى بايانى بىر - بىرىگە زىدىيەتلىك بولۇپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانىدىكى بەزى خادىملار بۇ ۋەقەنى رەت قىلسا، يەنە بەزىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي يىغىلىش سەۋەبى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

"جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى"نىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى مەلۇماتىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ساقچىلار ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت كىنىشكىسى ياكى قولغا ئېلىشقا ئائىت رۇخسەتنامىسىنى كۆرسەتمىگەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى 15 كۈن سولاپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 5 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن مەركىزى تېكساستىكى بۇ دىنىي جەمئىيەت يەنە، ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى، قويۇپ بېرىلمىگەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ 27 ياشلاردىكى يۈسۈپجان ئىسىملىك شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، يەنە بىرىنىڭ 24 ياشلاردىكى مەمەتجان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا بۇ ۋەقەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوللانغانلىقى سەۋەبى زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتتا مۇنداق دېگەن 7": نەپەر ياش ئەركىن دۇنيا تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقىنى قوللانغانلىقى سەۋەبى جازالاندى. بۇ ياشلار شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز ئېتىقادىنى تىنچ بىجا كەلتۈرۈشنى ئويلىغانلار. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئېتىقادىنى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ھۇلى، دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇشىغا خەۋپ، دەپ ھىسابلايدۇ. دىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپى."

"جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى، پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، قاماقتىكى 2 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. مەزكۇر دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئاخبارات ئالاقە ئىشلار خادىمى كەتىرېن كەيسېن رادىئومىزدا ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا " بىز قويۇپ بېرىلمەي ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلۈۋاتقان ئىككى نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، بايانات ئېلان قىلدۇق. بىز يەنە دائىرىلەرنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىھتىيات بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىمىز" دەپ كۆرسەتتى.

دائىرىلەرنىڭ قاماقتىكى 2 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى بىزگە نامەلۇم. لېكىن "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى"نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، دائىرىلەر يىغىلىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى"قانۇنسىز دىنىي  يىغىلىش"ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن. دائىرىلەرنىڭ بۇ ئەيىبلىشى بولسا "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى"دىكى كەتىرېن كەيسېننىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش ‏ - بۇ، دائىرىلەرنىڭ كىشىلەرنى قولغا ئېلىش، دىنىي تەكشۈرۈش ۋە باستۇرۇش ئىشلىرىدا دائىم قوللىنىدىغان بىر ئاتالغۇسى. ئەمەلىيەتتىكى قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش دېگىنى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي يىغىلىش دېگەنلىكتۇر."

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، 10 ‏ - ماي كۈنى يۈز بەرگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسىمى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ۋەقە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2 ‏ - قېتىم قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2008 ‏ - يىلى 24 ‏ - دېكابىردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىخەتەرلىك ئەترىتى مەكتەپ قوراسىدا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىۋاتقان مۇتەللىپ ۋە مىرئادىللارنى قولغا ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.