بۇ ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ يالغۇز يىڭنە سانجىش ۋەقەسىدىلا ئەمەس، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىزگە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى.
بىر خىتاي ئايالغا يىڭنە سانجىغان دېگەن باھانە بىلەن، ئۆتكەن يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قولغا ئېلىنغان ئىرپان ئىلھامنىڭ بۇ يېقىن دوستى يېقىندا چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئېرپاننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىدىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئوچۇق ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ياش، ئىرپان بىلەن بىرگە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىرپان ياخشى ئوقۇيدىغان، تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماستىن، ياردەم سۆيەر شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەيدىغان ئاق كۆڭۈل بالا ئىكەن. ئۇ باشقىلارغا يىڭنە سانجىش ئەمەس، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشتىنمۇ تارتىنىدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېرپان ئالىي مەكتەپكە يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنىشنى ئىرادە قىلغان، مەكتەپتىكى دەرسلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شەخس مەكتەپكە بېرىپ ماتېماتىكا دەرس ئاڭلاۋاتقان، دەرستىن سىرت ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكرارلارغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئۇ، ئېرپان قولغا ئېلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغان ساۋاغداشلىرىنىڭ، ئېرپان دۇچ كەلگەن پاجىئەدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا چىقىدىغان يەر شارى دوختۇرخانىلار تورى ۋە شىنخۇەن ئاخبارات تورلىرىدا ئۆتكەن يىلى، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە يۈز بەرگەن يىڭنە سانجىش ۋەقەسىدە يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 531 نەپەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي، ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىنغان.
يەر شارى دوختۇرخانىلار تور بېتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى خەۋىرىدىن يەنە، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يىڭنە سانجىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان خىتايلارنىڭ، 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە 14 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، يىڭنە سانجىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 75 نەپەر ئىكەنلىكى، 36 دېلو تۇرغۇزۇلغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى دېلو مۇناسىۋىتى بىلەن 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇقادىر، ئابلىمىت مەمەت، راخمان رازاق، ئابدۇقەييۇم ئايۇپ، مۇختەرجان تۇردى، ئاماننىساگۈل قادىر، ئەكبەر ئىمىن قاتارلىقلار ئۈستىدىن سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئالدىغا 15 يىل، كەينىگە 8 يىل قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. بۇلار پەقەت قولغا ئېلىنغان 75 كىشىنىڭ ئىچىدىكى 7 نەپىرى بولۇپ، قالغانلارنىڭ سوتى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياش، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشتىن باش تارتمايدىغان بىر خىل ئادەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.