ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ئۈرۈمچىدە باستۇرۇش داۋاملىشىدىغانلىقىنى جار سالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۈرۈمچى ئاھالىسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، زەربە بېرىش نىشانىنى ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كۆچمە نوپۇسقا قاراتقان ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىن پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە "گۇمانلىق ئۇنسۇرلار"نى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-02-05
Share
Xitay-qoralliq-saqchi-urumqi-kocha-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 2 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ.
AFP Photo

ئانالىزچىلار بولسا خىتاينىڭ پىلانى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تازىلاپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ شەھەردىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن بەلگىلىمە چىقىرىپ، كۆچمە نوپۇستىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە ئۆي ئىجارە بېرىشنى، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشى ۋە خىزمەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغان ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى تۈنۈگۈن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش يولىدىكى بۇ تۈرلۈك باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا دوكلات بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆچمە نوپۇسنى، ئىلگىرى جازالانغان تىزىملىكتىكى سابىق مەھبۇسلارنى ۋە "گۇمانلىق كىشىلەر"نى نازارەت قىلىش ۋە تەقىپ ئاستىغا ئېلىشنى كۈچەيتىدىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جارۇللا، بۇ تەدبىر تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "3 خىل كۈچلەر"گە قارشى دائىم ھۇشيار تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، جارۇللانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى: "ئۈرۈمچى شەھىرى بۆلگۈنچىلىككە قارشى مۇشەققەتلىك كۈرەشكە دۇچ كەلدى. بۇ كۈرەش ئۆتكەن يىلقى توپىلاڭدىن كېيىن كەلگۈسى يىللاردا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدۇ."

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كۆچمە نوپۇس خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەركەزلىك كۈرەش قىلىش نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، دائىرىلەر 2009‏ - يىلى 9‏ - ئايدا ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كۆچمە نوپۇسنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان بەگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى، كۆچمە نوپۇستىكىلەرگە ئۆي ئىجارە بېرىشنى قىيىنلاشتۇرغان ئىدى.

بەزى ئانالىزچىلار بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە يولغا قويغان مۇقىملىقنى قوغداش نامىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش ۋە ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى، ئۆزى خالىغان يەردە تىرىكچىلىك قىلىش ھوقۇقىغا قىلىنغان زور ئىغۋاگەرچىلىك دەپ كۆرسەتتى.

يېقىندا، خىتايلارنىڭ بوشۇن تور بېتى 7‏ - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، 5‏ - ئىيۇل كۈنى كېچىسى خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى ۋە خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشىدا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 1500 گە يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بوشۈن تورىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە، ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىتىنىڭ شۇ كۈنى كېچىسى يىغىشتۇرۇلۇپ، كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىكى مەلۇم بىر جايغا كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏ - يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئاز كەم 200 ئادەم ئۆلگەنلىكى، 1600 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي تەرەپنىڭ مەلۇماتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار بولسا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ تېگىدە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر كۈچمە نوپۇسىنى تازىلاپ، خىتاي ئاھالىسىنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش غەرىزى ياتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جارۇللا ھىسامىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇليىتىنىڭ يىغىنىدىكى سۆزىدە يەنە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون ۋە ناھىيىلىرىدە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىز تېررورچىلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە ھۇشيار تۇرۇشىمىز ۋە قاتتىق قول بولۇشىمىز لازىم. بىز بۇزغۇنچىلىقنى توساپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك،" دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت