خىتاي ساقچىلىرى بۈگۈن ئۈرۈمچىدە يەنە 2 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.07.13
2009.07.13
AFP Photo
بىز بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت ئۈرۈمچى ئاھالىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتىنى ئىنكار قىلدى.
ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزى، 5 - ئىيۇل نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خالىغانچە ئوق چىقىرىۋاتقانلىقىنى؛ ھەتتا ئوق چىقىرىش ئۈچۈن پۇرسەت ۋە باھانە ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ساقچىلارنىڭ ئاق مەسچىت ئالدىدا بىر قانچە ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىك ۋەقەسىنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى، خىتاي پۇقرالىرى كالتەك - چوماقلارنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلار مەھەللىسىگە بېسىپ كەلگەندە، مەھەللىدىكى بىر گۇرۇپپا ياش، قوغدىنىش ئۈچۈن قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن. خىتاي ساقچىلىرى بۇ چاغدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، بىر قانچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قانچىسىنى يارىلاندۇرغان. ۋەقەنى ئۆيلىرىدە كۆرۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلار، ۋارقىراپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ چاغدا ساقچىلار، ئائىلىلىكلەر بىناسىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.
ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئۇيغۇر قىزى ۋەقە ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بەردى:
-- ئۆيدە ئولتۇرسام بىر دوستۇمدىن تېلېفون كەلدى. دوستۇم " ئۇيغۇرلارنى ئېتىۋەتتى" دەپ يىغلاپ كەتتى. نەق مەيداننى - ئاق مەسچىت ئالدىدىكى كوچىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، ئاپامغا ئۇقتۇرماي ئۆيدىن چىقتىم. مەيدانغا يېقىنلاشقان ۋاقتىمدا، شۇ ئەتراپنى ساقچىلار توسۇۋېتىپتۇ؛ بىر ئۇيغۇر ساقچى ئالدىمنى توسۇۋالدى ۋە "ئۆلگىڭىز كەلدىمۇ، ئارقىڭىزغا قايتىڭ!" دەپ ۋارقىرىدى؛ مەن: " سىلەر خىتايلارغا گەپ قىلماي ئۇيغۇر بالىلارنى ئېتىۋېتىپسىلەرغۇ" دەپ سورىدىم. ئۇ ساقچى، " بۇ گەپنى مەندىن سورىماڭ " دەپ مېنى ھەيدىۋەتتى. يولنىڭ چېتىگە ئۆتسەم، 10 نەچچە كىشى توپلىشىپ تۇرۇپتۇ. ھەممىسى شۇ ئېتىلىپ كەتكەن بالىلارنىڭ گېپىنى قىلىشىپ تۇرىدۇ. ئەسلىدە، بىر قانچە يۈز خىتاي كالتەك - چوقماق بىلەن ئۇلارنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، شۇ مەھەللىدىكى بالىلار توپلىشىپ، تاش - كېسەك بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ. خىتايلار ئارقىسىغا قېچىپتۇ. بۇ بالىلارمۇ ئارقىسىغا چېكىنگەن ئىكەن، خىتايلار يەنە ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تەكرار ئۇلارغا قاراپ ماڭغان ئىكەن، ساقچىلار ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقىرىپتۇ....
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسگە بىرلىكتە تەھدىت سالماقتا. بۇ ئەھۋال بەزى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالسا، يەنە بەزىلەرنىڭ غەزىپىنى تاشۇرماقتا. بۇ قىز كۈگەنلىرىنى يەنە مۇنداق دېدى:
-- بىر ئايالنىڭ ئوغلىغا: " قارشى تۇرساڭلارمۇ - تۇرمىساڭلارمۇ ھامىنى سىلەرنى ئاتىدىكەن، ئەمدى سېنى توسىمايمەن. قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىپ قارشى تۇر !!!" دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
-- ساقچىلار ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتقاندا، ئائىلىلىكلەر بىناسىدا ئولتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار، ساقچىلارغا" نېمىشقا خىتايلارنى ئاتماي، ئۇيغۇرلارنى ئاتىسىلەر " دەپ ۋارقىراپتۇ. ساقچىلار ئۇلارغىمۇ قارىتىپ ئوق چىقىرىپتۇ. يولدا قان ئىزلىرىنى كۆردۈم. بىراق جەسەتنى كۆرەلمىدىم. ساقچى مېنى نەق مەيدانغا يېقىن كەلتۈرمىدى.
ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇر، بۈگۈنكى ۋەقە ئۈستىدە توختىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا جىدەل قىلىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ بولسا، ئۆز مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن پاكىتلارنى داۋاملىق ھالدا بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا خەۋەرلەردە، خىتاي پۇقرالىرى ھۇجۇمىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىر كۈنلا داۋام قىلغانلىقى يېزىلماقتا. بىزگە كەلگەن ئۈچۇرلار، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ نامايىشنىڭ ئەتىسى يەنى دۈشەنبە كۈنى باشلانغانلىقى، سەيشەنبە كۈنى ئەۋجىگە چىققانلىقى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئوخشىمىغان يەرلەردە، ئوخشىمىغان سائەتلەردە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.
يەنە بەزى غەيرىي رەسمىي ئاخبارات تورلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا. خەۋەردە پاكىتلار ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئومۇمى ۋەزىيەت خەۋەرنىڭ چىنلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. بىز بۈگۈن كورلىدىكى بىر ئائىلىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، جەمئىيەتتە تۈرلۈك ئەنسىز خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا ئۆيىدىن سىرتقا چىقمىغانلىقىنى، ھەممىدىن بەك ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان قىزىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ، كۆپ ئېھتىمالدا، خىتاي ھۇجۇمچىلارغا قارشى تۇرۇش ياكى قوغدىنىش جەريانىدا ۋە ياكى ساقچىلارنىڭ زورۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.