خىتاي يۇقىرى سوتى 15 نەپەر كىشىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت ئەرزلىرىنى رەت قىلدى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.10.30
2009.10.30

AFP Photo
بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنلىقى ۋە خەلق گېزىتى تور بەتلىرىدە تۇيۇقسىزلا " ئۇيغۇر رايونى يۇقىرى سوت مەھكمىسى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت ئەرز سۇنغان 15 نەپەر كىشىنىڭ ئەرزلىرىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى جازانى كۈچكە ئىگە دەپ قارىدى" دەپ خەۋەر تارقاتتى.
يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: "غېنى يۈسۈپ قاتارلىق 4 كىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش، بۇلاش جىنايىتى بىلەن، ئەخمەتجان مۆمىن قاتارلىق 11 كىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش، بۇلاش، قەستەن مال مۈلككە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قانۇنغا ئاساسەن سوت ئېچىپ جىنايىتى بېكىتىلدى. مەزكۇر سوتىمىز بۇ كىشىلەرنىڭ يۇقىرى سوتقا يوللىغان ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ئىناۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئەزىزجان ياسىننىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش جىنايىتى، ئالىم مەتيۈسۈپ قاتارلىق ئىككى كىشىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاش، ئوت قويۇش جىنايىتى ئەرزلىرى رەت قىلىنىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىندى."
خەۋەردە يەنە، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت قاتارلىق 6 كىشىنىڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن جازاغا رازى بولۇپ يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلمىغانلىقى، ئەمما غەنى يۈسۈپ قاتارلىق 15 كىشىنىڭ يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇندىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئالاقىدار دەپ قارالغان ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت، غېنى يۈسۈپ، ئابدۇللا مەتتوختى، ئادىل روزى، نۇرئەلى ھوشۇر ۋە ئالىم مەتيۈسۈپ قاتارلىق 6 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ۋە يەنە بىر شەخسكە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتەر - ئۆتمەيلا ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يەنە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلاردىن ئەخمەتجان مۆمىن، زاھىت پازىل ۋە خەن شاۋبو قاتارلىق ئۈچ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەر ئۈستىدىن بۇنداق تېز ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى چىقىرىشى چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە بۇ سوتنىڭ ھېچقانداق خەلقئارا ئۆلچەمگە ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭمۇ قانۇن ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.
تېخى يېقىندىلا ۋاشىنگتونغا كەلگەن بىر گۇرۇپپا بېيجىڭلىق ئادۋوكاتلار خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ رولى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ خىتاي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى، سوت تەرتىپىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدى بىلەن مەزكۇر ھۆكۈمنى چىقارغان سوت ئورگىنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە بىتەرەپ مۇئامىلە قىلالمىغان. سوتچىلار كەسپىي لاياقىتى ۋە كەسپىي ئەخلاقىغا قاراپ ئەمەس، سىياسىي لاياقىتىگە قاراپ تاللانغان ھەم سوتچىلار ھۆكۈمنى قانۇنغا ئاساسەن ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىۋاستە تەلىماتىغا ئاساسەن چىقارغان.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن توپلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، سوت ئېچىلىشتىن ئاۋال، قانۇن ساھەسىدە مەخسۇس سىياسىي ئۆگىنىش قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى، ئۆگىنىشتە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ناملىق مەخسۇس تەشۋىقات ماتېرىيالى ئۆگىنىلگەنلىكىنى ۋە قانۇن ساھەسىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەرەپسىزلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۆلچىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گەرچە خەلقئارا ۋە جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنىڭ پىكرى بىردەك ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھۆكۈملىرىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى بۇ بالىلار ئۈستىدىن چىقارغان قارارىدا بۇ كىشىلەرنىڭ دېلولىرىدا پاكىتنىڭ تولۇق، سوتنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېرىلگەن جازانىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خىل ئەھۋال خىتاي سوتلىرىنىڭ بىتەرەپ بولماسلىقىدەك ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېنىق يورۇتۇپ بەرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ يەنە داۋاملىق سوتلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى ئاشكارىلىماي كەلمەكتە. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا يوقاپ كەتكەن يېقىنلىرى ۋە ياكى تۇغقانلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان.
بۈگۈن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىمۇ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر بىز تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى غەيرەت نىيازنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا بايان قىلىپ بېرىشىچە، ئۇيغۇر بىز تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى غەيرەت نىياز 1- ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى 4 - چېسلا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە غەيرەت نىيازنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىكەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى بولسا بۇ ۋەقەدىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، بۇنى ئاشكارىلىيالمىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنداق قىلمىغاندا دوستىغا زىيان كەپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەر قايسى تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور بەت يازغۇچىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بوپقالغان بولۇپ، دىيارىم تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دىلشات پەرھاتمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. دىلشات پەرھاتمۇ 8 - ئايدا ئۆيىدىن ئەپ كېتىلگەن پېتى ئائىلىسى ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ دىلشات پەرھاتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيېتقان ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ دىلشات پەرھاتنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات، ئىنىسىنىڭ پەقەتلا دىيارىم تور بېتىنى باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھېچقانداق بىر پائالىيەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. كۈزەتكۈچىلەر بولسا، ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تازىلاش ئېلىپ بارىدىغان بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، خىتايدا ئاخبارات ئۇچۇر ئەركىنلىكى بولمىغانلىقتىن، قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭمۇ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇنى بىر پۇرسەت بىلىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.