خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى، سوت تەرتىپىنىڭ خەلقارا ئۆلچەملەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدى بىلەن مەزكۇر ھۆكۈمنى چىقارغان سوت ئورگىنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە بىتەرەپ مۇئامىلە قىلالمىغان. سوتچىلار كەسپىي لاياقىتى ۋە كەسپىي ئەخلاقىغا قاراپ ئەمەس، سىياسىي لاياقىتىگە قاراپ تاللانغان ھەم سوتچىلار ھۆكۈمنى قانۇنغا ئاساسەن ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىۋاستە تەلىماتىغا ئاساسەن چىقارغان.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن توپلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، سوت ئېچىلىشتىن ئاۋال، قانۇن ساھەسىدە مەخسۇس سىياسىي ئۆگىنىش قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى، ئۆگىنىشتە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ناملىق مەخسۇس تەشۋىقات ماتېرىيالى ئۆگىنىلگەنلىكىنى ۋە قانۇن ساھەسىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەرەپسىزلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۆلچىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، سوتتا مەھكۇملارغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى خىتاينىڭ سوتىدىكى ئادالەتسىزلىكنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرى ھەققىدە ئەرز قوبۇل قىلىشىنى ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىگەن. ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەيىنلەنگەن ئادۋوكاتلار، سوت جەريانىدا مەھكۇملارنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلمىغان.
سوتنىڭ خۇپىيانىلىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا تەنقىدلەنگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتىدۇر. بايانانتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە، سوتقا خەلقئارادىكى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى،چەتئەل مۇخبىرلىرى قاتنىشىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوت ئالدىن - ئالا خەلققە ئۇقتۇرۇلۇشى، سوت جەريانىنى ھەر قايسى تەرەپلەر نەق مەيداندا كۆزىتىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي بۇ قېتىملىق سوتتا، پەقەت بىر قىسىم ئۆزلىرى بەلگىلىگەن كىشىلەر، يەنى ھۆكۈمەت ئىشچى - خىزمەتچىلرىنىڭ قاتنىشىشىغا يول قويغان. سوت جەريانى خەلقتىن مەخپىي تۇتۇلغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋلدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە 5 - ئىيۇلغا چېتىلىپ تۇتۇلغانلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ۋە تەقدىرىدىن جىددىي شەكىلدە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كېلىشملەردە بەرگەن ۋەدىلىرىگە داۋاملىق تۈردە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى؛ ئادالەتسىز سوت ھۆكۈملىرىنىڭ خىتاينىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.