ئۇيغۇرلار تۈرك مەتبۇئاتىدا

بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئادەتتە تۈركىيەدىكى مەلۇم سىياسىي كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەر تەرىپىدىن ئوقۇلىدىغان كىچىك گېزىتلەردە ئېلان قىلىناتتى.

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ راديو - تېلېۋىزيە ۋە گېزىتلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە داۋاملىق ھالدا يەر بېرىشكە باشلىدى. بۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلماقتا.

ئۇيغۇر قىزى ئەسەر ساقا خانىم ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا `چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ سەپەر` ماۋزۇلۇق فوتوسۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئاچقان ئىدى. 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدە ئېچىلغان بۇ كۆرگەزمىنى ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

بۇلاردىن باشقا بۇ كۆرگەزمە تۈرك ئاخباراتچىلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن ساباھ، مىللەت، ھۆرىيەت قاتارلىق گېزىتلەردە `سەنئەتچىنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان`، `خۇشاللىق غەم - قايغۇ ۋە كۆز يېشى بىرلا ۋاقىتتا`، `شەرقىي تۈركىستان`، `شەرقىي تۈركىستانلىق فوتوسۈرەتچىنىڭ نەزىرىدە ئاتا ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان` دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا بېرىلدى.

بۇ خەۋەر تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزيە قاناللىرىدىن قانال د تېلېۋىزييىسى، ن ت ۋ تېلېۋىزييىسى ۋە ت رت تېلېۋىزيەلىرىدىمۇ بېرىلدى. بۇ كۆرگەزمىگە تۈركىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر قىزى ئەسەر ساقا خانىمنىڭ ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيتتا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق يەرلەرگە بېرىپ تارتىپ كەلگەن 75 پارچە فوتوسۈرىتى قويۇلغان بولۇپ، بۇ فوتوسۈرەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى يەرلىرى، تاغ دەريالىرى تارىخىي كوچىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەندىن باشقا يوقسۇللۇق ئىچىدە ھايات مۇجادىلىسى بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ گەۋدىلىك ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

بۇ فوتوسۈرەتلەر تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بولۇپمۇ تۈرك مەتبۇئاتىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. فوتورەسىم كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقىلى بىر ئاي بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ژورناللاردا بۇ ھەقتە ماقالىلار ئېلان قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.