2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن 10 چوڭ ۋەقە

بۈگۈن 31‏ - دېكابىر كۈنى، يەنى 2009 ‏ - يىلى يېڭى يىل ھارپىسى. ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىدا قانداق چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى؟ بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇر ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى ۋە ياكى ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى نېمە؟ بىز بۈگۈن مانا بۇ تېمىلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئىگىلىدۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2008.12.31
Uyg-10-chong-Ish2-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 ‏ - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 10 ﭼﻮﯓ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ. ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ 16 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىردەك ھالدا، 4‏ - ئاۋغۇست سەمەنيولى ۋەقەسىنى ئۇيغۇر ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەقە دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەنجان ئەپەندى 4‏ - ئاۋغۇست سەمەنيولى ۋەقەسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر تۈركۈم ئەزالارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلىشى، ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى چوڭ ۋەقەلەردىن بىرىدۇر.

شۇ مەزگىلدە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختىلىپ، خانىمنى تېررورچىلارنىڭ كاتتىۋېشى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى؛ ياۋروپا بىرلىكى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان، يىللار ئىلگىرى ئىلى كەچلىك گېزىتىدە باش تەھرىر بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن راھىلە كامال خانىم، 10 ‏ - ئاۋغۇست كۇچادا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس ۋەقەلەر دەپ بىلدۈردى. بۇ ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىلشات ئەپەندىمۇ شەرھىلەپ ئۆتىدۇ.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكا سوتى تەرىپىدىن ئاقلىنىشىنى ۋە رابىيە خانىمنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى مۇھىم ۋەقەلەر دەپ كۆرسىتىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل 23 ‏ - مارت كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشى ئۇيغۇر ھاياتىدىكى زور ۋەقەلەردىن بىرىدۇر.

نۆۋەتتە ئەنگلىيىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم يۇقىرىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسەتكەنلىرىنى توغرا دەپ قاراش بىلەن بىللە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرە مۇتەخەسسىسى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ، "يېڭى كلونلاش تېخنىكىسى" ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان ۋە ناسا تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان، "ئالەم بوشلۇقىدىكى تېلېسكوپنى يەر شارى باشقۇرۇش مەركىزىدە تەڭشەش تېخنىكىسى" قاتارلىق ۋەقەلەرنى چوڭ ۋەقەلەر دەپ ساناپ ئۆتتى.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، 19ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى دەپ قارالغان 7 ‏- مارت ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنىمۇ مۇھىم ۋەقەلەر دەپ كۆرسەتتى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا سىلەرگە، 2008 - يىلى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن 10 چوڭ ۋەقە ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى  تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.