ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىمى ھامۇتخان مەخسۇمھاجىم ۋاپات بولدى

RFA Photo / Arslan
ئىگىلىشىمىزچە ، ھامۇتخان مەخسۇم ھاجىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دادىسىدىن كىچىك قېلىپ ئاكىسى ئابلىكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان ھەمدە ئاكىسىدا ۋە ئەينى زاماندىكى گۇما ناھىيىسىنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. مەرھۇم ھامۇتخان مەخسۇمھاجىم 1993 - يىلى 6 - ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.
ھامۇتخان مەخسۇم ھاجىمنى بىلىدىغان شەخسلەرنىڭ تەخمىن قىلىشىچە ، مەرھۇم بۇ يىل 75 ياش ئەتراپىدا ئىكەن.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ، مەرھۇمنىڭ ئوقۇغۇچىسى دوكتور ئالىمجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئالىمجان مەرھۇمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى، " ھامۇتخان مەخسۇم ھاجىم 1980 - يىللاردا قاغىلىقتا ئاكىسى ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ئاچقان دىنىي مەكتەپتە دەرس ئۆگىتىپ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا، ئەدىب، ناتىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى، شېئىر ئوقۇشقا ھېرىسمەن ، ھەر قانداق بىر شېئىرنى بىرلا قېتىم ئوقۇپ ئېسىدە ساقلاشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تونۇلغان ."
دوكتور ئالىمجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە ، ھامۇتخان مەخسۇم ھاجىم ھاياتى بۇيىچە دىنىي دەرس ئۆگىتىش، ۋەز - نەسىھەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان، مەرھۇمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، مەرھۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە سىياسى كېڭەشكە ئەزا بولۇشنى رەت قىلىپ دىنىي ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەخمەت ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ھامۇتخان مەخسۇم ھاجىم ئەينى زاماندا ئاتالمىش "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " دا ئاكىسى تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنغان، تاياق زەربىسىدىن بىر قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.