تيەنجىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.05.28
2010.05.28
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
تيەنجىن شەھىرىدىن زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمى ۋەقە تىەنجىننىڭ جوڭشەنمېن رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا يۈز بەرگەن. ۋەقەدە مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسى پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىكەن.
ئۆزىنىڭ ئاشخانا خوجايىنى ئەخمەتجاننى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر ۋەقە ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بەردى. بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە تيەنجىن شەھىرى جوڭشەنمېن رايونىدىكى، ئەخمەتجان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئاچقان "چۆل كاۋاپخانىسى" ( گېبى شاۋكاۋ) ناملىق ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن.
ئۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئاشخانا خوجايىنى ئەخمەتجان مېنىڭ ئاغىنەم بولىدۇ، مەن بۇ ئاشخانىغا دائىم بېرىپ تۇرىمەن. بۇ ئاشخانىنىڭ سودىسى ياخشى ئىدى. ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كەلگەن تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن باشقا ئىككى خىتاي ئوتتۇرىسىدا جېدەل يۈز بېرىپتۇ. ئاشخانا خىزمەتچىلىرى ئاشخانىنىڭ نورمال سودىسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى جېدەل قىلماسلىققا ئۈندەپتۇ، ھەم جېدەلنى ئايرىپ قويۇپتۇ. ھېلىقى ئىككى خىتاي پۇقراسى ئاشخانىدىن كېتىپتۇ ھەم بىر ئازدىن كېيىن تاياق توقماق كۆتۈرگەن 30 دەك خىتاي پۇقراسىنى باشلاپ كېلىپ، ئاشخانا خوجايىنىدىن تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپتۇ. تۆمۈريول ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئاشخانىغا بېسىپ كىرىپ، ئاشخانا ئىچىدە ئۇرۇپ چېقىپ ۋەيران قىلىپتۇ. تاياق كۆتۈرگەن بۇ خىتايلار ئاشخانا خىزمەتچى خادىملىرىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپتۇ، ئاشخانا خوجايىنى رايوندىكى "جۇڭشەنمېن ساقچىخانىسى"غا تېلېفون قىلىپ، ياردەم سورىغان بولسىمۇ ئەمما ساقچىلار دەرھال كەلمەپتۇ. كېيىن بۇ خىتايلار ئاشخانا يېنىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدىن تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئاشخانىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاشخانا خىزمەتچىلىرى ساقچىلاردىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى تەكرار تەلەپ قىلىپ تېلېفون قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن ساقچىلار كېلىپ جېدەلنى باستۇرماقچى بولغان، بۇ خىتايلار بويسۇنمىغاندىن كېيىن، ساقچىلار قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇلارنى تىنچىتقان."
بۇ كىشى ساقچىلارنىڭ جېدەلنى بېسىقتۇرۇش جەريانىنى بايان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: "ئاڭلىشىمچە شۇ كېچىسى ساقچىلار ئاشخانىنى ئۇرۇپ - چاققان خىتايلارنى تۇتۇش بىلەن بىللە ئاشخانا خىزمەتچىلىرىنىمۇ تۇتۇپ كېتىپتۇ، ئۇلارنى بىر كېچە ساقچىخانىدا سوراق قىلىپ ئەتىسى ئۇيغۇرلارنى قويۇۋېتىپتۇ. ھازىر ئاڭلىشىمچە شۇ كېچىسى جېدەل چىقارغان خىتايلاردىن 14 نەپىرىنى ساقچىلار تۇتۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ساقچىلار جېدەل چىقارغان خىتايلارنى تيەنجىنگە ئىشلەمچىلىككە كەلگەن خېنەنلىك ياكى خېبىيلىك ئىشلەمچىلەر دەپتۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ تىيەنجىنلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تيەنجىن تەلەپپۇزىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئاشخانا خىزمەتچىلىرى بىلەلەيدۇ."
بۇ كىشى ۋەقەگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئاشخانا خىزمەتچىلىرىدىن 4 كىشى قاتتىق تاياق يەپتۇ، بەزىلەرنىڭ باشلىرى يېرىلىپتۇ، يارىسى خېلى ئېغىر ئىكەن. مەن بۈگۈن بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ كەلدىم. ئاشخانا ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپتۇ، ئاشخانا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ئۇرۇپ چېقىلىپ ۋەيران قىلىنىپتۇ. ئاشخانا ئىچىگە قۇرۇلۇش مەيدانىدىن ئېتىلغان تاشلارنىڭ ئۆزىلا ئىككى قول ھارۋىسى كەلگۈدەك بار ئىكەن. ئەمما بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغان ساقچىلار ئادىل بولمىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇلار يارىلانغان ئۇيغۇرلارغا پەقەت "دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىڭلار" دەپتۇ. ئاشخانىغا ھۇجۇم قىلغان خىتايلارنى سوراق قىلىدىغانلىقىنى، خوجايىننىڭ ئاشخانىسىنى داۋاملىق ئېچىۋېرىشىنى تەلەپ قىپتۇ. ئەمما ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر نېمە دېمەپتۇ. بۇ ئىشتىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەكلا ئاچچىقىمىز كەلدى. شۇڭا بۇ ئىشنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداشنى تەلەپ قىلماقچىمىز. ھازىر ئادۋوكات ئىزدەۋاتىمىز. ھازىر باشقا مۇخبىرلارمۇ بىزنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەۋاتىدۇ. بىز پەقەت باراۋەرلىكنى ھەم ئادىللىقنى تەلەپ قىلىمىز."
بىز ئاشخانا خادىمىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ئەمما سوئاللىرىمىزغا ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.
"ھازىرچە ھۆكۈمەت بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز. ھازىر ئاشخانا ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولدى. ئاشخانىدىكى ئۈستەل-ئورۇندۇق، توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق بارلىق نەرسىلەر ۋەيران قىلىندى. دۇكاندا جەمئىي 6 خىزمەتچى بار. 4 ئەر خىزمەتچى يارىلاندى، خىزمەتچىلەرنىڭ باشلىرى يېرىلىپ، تاياق سەۋەبىدىن ئىششىپ كەتتى. ئاياللار تاياق يېمىدى، ئەمما خوجايىننىڭ ئايالى ئېغىر تاياق ئىدى، ئۇ ۋەقەدە قورقۇپ كەتكىنى ئۈچۈن، ھامىلىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ساقچىلار بىزگە ئاشخانىنى ۋەيران قىلغان خىتايلاردىن 14 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر ساقچىلار بىزگە دۇكاننى ۋەيران قىلغانلارنىڭ زىياننى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇكاننى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما خوجايىن ۋەقەنى تولۇق بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن دۇكاننى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېخى خۇلاسە چىقمىدى."
بۇ خىزمەتچى خادىم بىزنىڭ تىيەنجىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەر ھالدا ياخشى. بىز ھەقىقىي ئەھۋالنى بەك تەپسىلىي دەپ بېرەلمەيمىز. بەكمۇ ناچارمۇ ئەمەس، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قەدىرئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ."
بىز جوڭشەنمېن ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى خادىم، بۇ ئىشنى ساقچىخانىغا بېرىپ ئىگىلىشىمىزنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "مەن دىجورنى خادىم، بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ساقچى ھازىر يوق. ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى شۇ بىلىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز ئەتە خىزمەت ۋاقتىدا ساقچىخانىمىزغا كېلىپ، ئەھۋال ئىگىلەڭ. تېلېفوندا سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن."
بىز بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان ساقچى خادىمىنىڭ قول تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ۋەقەگە نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى. دىلشات رىشىت سۆزىدە، چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىدىكى مۇشۇنداق خىتايلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ساقچىلارنىڭ ئادىل بولمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە باراۋەر سىياسەت قوللانمىغانلىقىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ خىتاي ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ چاغدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا نارازى بولغان ئۇيغۇرلار 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ نامايىش كېيىن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغان ھەم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دەپ ئاتالغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.