ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللار ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا بىۋاستە تەسىر قىلىۋاتقان بىر مەسلە، بەزى دىكتاتور دۆلەتلەر ئەر ‏- ئايال، قېرى ‏- ياش ئايرىماستىن ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009.04.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Ayallarning-insan-heqliri-305 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 4 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻬﻬ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﯞﻩﺧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

بولۇپمۇ پەلەستىن، چېچىنىستان، شەرقىي تۈركىستان، ئىراق قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىنسان ھەقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە، ئەرلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغانغا ئوخشاش ئاياللارنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىپ كەلمەكتە يېقىندا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
 
2009 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى تۈركىيىدىكى ئىھھ ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن ئاياللارنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرى توغرىسىدا مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى، چېچىنىستان، شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە دوكلات ھازىرلاش ئىكەن.

يىغىنغا چېچىنىستان، شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن ئىراق قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراپ يۇرتىدىن تاشلاپ كېتىپ، تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئاياللارنىڭ ۋەكىللەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن ئايشەمگۈل ۋە ئابىدە خانىم قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئايال ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر سۆز قىلغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭ قايسى شەكىلدە دەپسەندە بولىۋاتقانلىقىنى تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن قانداق ھاياتقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلغان، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن ئابىدەخانىم ئىسىملىك ئايال سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان.

ئابىدە خانىم سۆزىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ھالدا يۆتكەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى نۇرغۇن مەسۇم بوۋاقلارنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن مەجبۇرى ئېلىپ تاشلىنىشتىن ئىبارەت ئىنساننى ئېچىندۇرىدىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان.

بۇ يىغىن ھەققىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت