'ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتمۇ - قات بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە'

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2010 - يىلى 8 - مارت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئاياللار ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.03.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﺎﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩﺋﺎﺑﺎﺩ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﺎﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﺎﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

دوكلاتتا، خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتە ئاياللارغا بولغان كەمسىتىش خاھىشى يۈزىسىدىن ئاياللار نوپۇسىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ، ئەر - ئاياللارنىڭ نوپۇسىدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق چىقىۋاتقانلىقى، جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئاياللارنىڭ كەمسىتىلىش ئەھۋالىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىنمۇ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاياللىرىچۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قانچىلىك كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتىدۇ؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 8 - مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتە 85 مىليون ئايالنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى "داۋالىنىش سىستېمىسىدىكى ئاياللارغا بولغان كەمسىتىش ۋە قىز بوۋاقلارنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشى "دەپ كۆرسەتتى.

جىنسىي تەڭپۇڭلۇق ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيا قىتئەسىدە قىز - ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 119/100 بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە 107/100 بولغان قىز - ئوغۇل تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن خېلىلا كۆپ پەرقلىنىدىكەن. دوكلاتتا يەنە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئاياللار ناھايىتى ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ تېببىي دورىلار يېتىشمەسلىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە قىز بوۋاقلارنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئاسىيادا 96 مىليون ئايال كەملەپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ يەنە توختىماي ئۆرلەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەربىرىدە 42 يېرىم مىليون ئايال كىشى كەملەپ كەتكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە، ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئاسىيادا بولۇپمۇ جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئاياللار ئائىلە زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندىن باشقا،ئاياللارنىڭ داۋالىنىش، مائارىپ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە سىياسىي ھوقۇقى قاتارلىق نېگىزلىك ھوقۇقلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە ھەتتا سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭمۇ كەينىدە قالغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاسىيا دۆلەتلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھەل قىلغۇچ بىر پەيتكە كەپ قالغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ھۆكۈمەتلەر مەزكۇر مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلمىغان تەقدىردە ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ كۆتۈرۈشنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، سىياسەتكە قاتناشتۇرۇش، قانۇنىي ھوقۇقنى قوغداش قاتارلىقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك ئىكەن.

 كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىي قىلمىغان دىكتاتور دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر ئېغىر زۇلۇم تارتىۋاتقان بولسا، بۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولسا تېخىمۇ قاتتىق دەپسەندە قىلىنماقتا. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە قاتمۇ - قات بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى سۆزلەر شۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىمنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قەھرىمانلارچە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بولسا ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت