بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى، ئىستانبۇل ۋالىيىلىكىگە قاراشلىق تۈرك دۇنياسى قېرىنداش خەلقلەر بۆلۈمى، ئايدىڭلار ئوجاغى، تۈركمەنلەر ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى، ياۋرو - ئاسىيا تۈرك جەمىيەتلىرى فېدېراتسىيىسى، ياۋرۇپا ئايدىنلار ئوجاغى جەمئىيىتى، غەربىي تىراكىيە تۈركلىرى جەمئىيىتى، قىرىم تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، ئاناتولىيە ئايدىڭلار ئوجاغى، بۇلغارىستان تۈركلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تاتار جەمىيەتلىرى بىرلەشمىسى، ئەزەربەيجانلىقلار جەمئىيىتى، قانۇنشۇناسلار بىرلىكى قاتارلىق 16 ئاممىۋى تەشكىلات ۋە جەمىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت - جۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە يازغۇچى - شائىرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، نىمەت ئولۇباي خانىم، ياۋرو - ئاسىيا تۈرك جەمىيەتلىرى فېدېراتسىيىسى باشلىقى دوكتور فەتھى ئەخمەت، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى نۇرئەلا كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى دوكتور رەشىدە گەنجەر قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ، 8 - مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نىمەت ئولۇباي خانىم مۇنداق دېدى:
8 - مارت دۇنيا ئاياللار كۈنى دەپ تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ كۈن، يۈز يىلدىن بىرى ئاياللارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇش ۋە ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن كۈرەش ۋە ھەمكارلىق كۈنى. 1910 - يىلى دەنمارىكىنىڭ كوپېنھاگ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئاياللار قۇرۇلتىيىدا 8 - مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى دەپ ئېلان قىلىندى ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى بۈ كۈننى تەبرىكلەشكە باشلىدى. 1977 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 8 - مارت كۈنىنى دۇنيا ئاياللار بايرىمى دەپ تەستىقلىدى.
بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل تۈرك ۋە دۇنيا ئاياللارنىڭ بۇ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز ۋە شەرقىي تۈركىستاندا، ئۈرۈمچىدە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا يوق قىلىنغان، خوجائەلىدە ئەرمەنىلەر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان، قىرىم ۋە غەربىي تىراكىيىدە جۈملىدىن دۇنيانىڭ پۈتكۈل دۆلەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاياللىرىمىزنى ئېھتىرام بىلەن ئەسلەيمىز ۋە ئۇلارغا رەھمەت تىلەيمىز.
بىز تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاساسىي قانۇن بويىچە، ھەر كىم، تىل، دىن، ئىرق، رەڭ، جىنسىيەت. سىياسى چۈشەنچە، پەلسەپە ئېتىقاد، دىن، مەزھەپكە ئوخشاش جەھەتلەردە چەتكە قېقىلماستىن قانۇن ئالدىدا باراۋەر، دېگەن پرىنسىپ بويىچە، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى ئىنسانلار ھوقۇقىدىن ئايرىم دەپ قارىماسلىق چۈشەنچىسىنى قوغدايمىز، ۋە بۇنى قوغداش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش - ھەرىكەتلەرنىڭ كېچىكتۈرۈلمەسلىكى ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئىشىنىپ پائالىيەت قىلىمىز.
يىغىندا يەنە ياۋرو - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيىسى باشلىقى دوكتۇر فەتھى ئەخمەت يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن 8 - مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى، ئامما 8 - مارت كۈنى دەل - دەرەخ، گۇل - چېچەكلەرنىڭ بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدىغان كۈنى، ئاياللار جەمئىيەتنىڭ بىخى، تۈرك كۈلېتىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەۋجۇدىيىتى ھېسابلانغان ئايالىرىمىزغا تارىخ بويىچە سۆزلەش ھەققى، جەمئىيەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن بېرىلدى، ئۇرۇشلاردا قەھرىمان ئاياللىرىمىز ئەرلەر بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە جەڭ قىلدى. مەرت ئەرلەرنى يېتىشتۈرگەن ئاياللىرىمىز بىزنىڭ بېشىمىزنىڭ تاجى بولدى، ئاياللارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش بىزنىڭ كۈلتېرىمىزدە ئەڭ مۇھىم خىزمەت بولۇپ كەلدى. ئەمما ئەپسۇلىنارلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا، پەلەستىندە ئاياللىرىمىز ئېزىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ھوقۇقلىرى، ساغلىق ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىندى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدا كۆرۈش مۇئامىلىگە دۈچ كەلمەكتە. بىز بىلىم ئادەملىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەمئىيەتنىڭ زىيالىيلىرى بولغان سىلەر بىلەن بۇ ھەقتە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ خىزمەت ئىشلەش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ خىزمەتلەرنى قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم.
بىز يىغىن ئاخىرىدا بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللاردىن نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.