مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ۋەتەن ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟

بالىلار-مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھەم ئۈمىدى. ھەرقانداق مىللەت ۋە ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقى يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئۈچۈندۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012.10.10
muhajirettiki-uyghur-balilar-305.jpg شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى چوڭ نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلىرى. 2009-يىل 9-ئىيۇل.
RFA/Qutlan «kündilik xewerler géziti» din élin’ghan.

دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا پەرزەنت تەربىيىسى ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئىجتىمائىي توپلۇقلىرىغا نەزەر سالغاندا پەقەت ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىلا زور كۆلەمدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. باشقا ئەللەردە، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدە ماكانلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تارقاق ھالەتتە ياشىماقتا. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە بالىلىرىغا مىللىي كىملىك ۋە ۋەتەن تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش جەھەتلەردە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى ھېس قىلدۇرماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيە ۋە بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە، ئامېرىكا، كانادا ھەمدە ئاۋسترالىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئولتۇراقلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بالىلار تەربىيىسى مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ چىقماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئاز بولۇشى، تارقاق ئولتۇراقلىشىشى، ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش ۋە ئارىلىشىشنىڭ كۆپ بولماسلىقىدەك بىر قاتار ئوبيېكتىپ سەۋەبلەرمۇ بۇ مەسىلىنى جىددىي كۈنتەرتىپتە قويماقتا.

ئۇنداقتا، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىلار بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر بالىلىرى نېمە دەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىدە «ئۇيغۇر ۋەتىنى» نىڭ تەسەۋۋۇرى قانداق ئەكس-ئەتمەكتە؟ ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىدا تەربىيە ئېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئۆز ئانا تىلى، مىللىي كىملىكى ھەمدە ۋەتىنى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. قەدىرلىك ئاڭلارمەن دوستلار، قېنى ئەمىسە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى تىڭشاپ باقايلى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.