د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 - ئاۋغۇست كۈنىدىن بۈگۈنگىچە ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيىدىن ئىبارەت تۆت قىتئەدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرى د ئۇ ق باش شىتابىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلىگەن. د ئۇ ق باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ ھازىرغىچە ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن.
ئۇيغۇرلار ھەققىدە كەڭ مەلۇمات
4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسى ۋە 9 - ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسىنىڭ زىلزىلىسى بولۇپمۇ، گېرمانىيىدە ئالاھىدە دىققەتكە ئۇلاشتى. دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د دا، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار بېيجىڭدىكى مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن ئۇدۇللۇق يوللاپ تۇرۇلماقتا.
خىتاينىڭ تېررور مۇتەخەسسىسى لى ۋېي ئا ر د مۇخبىرىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا "بېيجىڭ ئولىمپىكى پەۋقۇلئاددە بىر مەيدان. دۇنيانىڭ كۆزى بېيجىڭدا. بۇنداق بىر چاغدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقە، تېخىمۇ يوغىناپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىگە ئۇلىشىدۇ" دېگەن. لى ۋېي ئېيتقاندەك، ئۇيغۇر دىيارىدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەرنىڭ داغدۇغىسى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار ئاخبارات ساھەسىنى بىر ئالدى.
بۇ خەۋەرلەر يالغۇز ئۇچۇر شەكلىدىكى مەلۇمات بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئېتنىك مەنبەسى، جۇغراپىيىسى، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا تارتقان ئازاپ - ئوقۇبەتلىرى ۋە مىللىي غايىلىرىگە قەدەر ئىنچىكە شەرھىيىلەندى. ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش مۇددىئاسى ئېنىق قىلىنىپ "ئۇيغۇرلار قولدىن كەتكەن ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا" دېگەن بىر پىكىرگە مەركەزلەشتى.
ئۇيغۇرلار ئاجىز ئەمەس
سىنگاپوردىكى خەلقئارا تېررور مۇتەخەسسىسى كارىلسون ئەپەندى، 11 - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ سەل قارايدىغان بىر كۈچ ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنى ناھايىتى كېچىكىپ ھېس قىلغانلىقىنى، ئولىمپىك بولمىغان بولسا، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورغا قارشى كۈچلەر بىلەن بۈگۈنكىدەك ھەمكارلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئالدىنقى ئىككى ھەرىكەتنىڭ خىتاينى ئوبدانلا چۆچۈتۈپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان شۇنداقلا بولۇپمۇ، مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە تەسىر دائىرىسىنى بارغانسېرى زورايتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق سەۋىيىسىنىڭ خەلقئارا سەۋىيىگە ئاللا بۇرۇن يەتكەنلىكىنى، بۇ بېيجىڭنىڭ تاقابىل تۇرۇشى ئەڭ قېيىن بولغان بىر رەقىپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
سىنگاپوردىكى خەلقئارا تېررور مۇتەخەسسىسى كارىلسون ئەپەندى يەنە، قەشقەر ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىغا مەنسۇپ بولغان دائىرىگە ھەمدە ساقچى، ئەسكەرلەرگە قارشى ۋەقەنى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ سەۋىيىسىدىن تۆۋەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك، بۇ ھەقتە ئىچكىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى قوشۇپ قويغان.
ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى
گېرمانىيىنىڭ 2 - چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ز د ف تا كۆرسىتىلگەن " خىتايدا تېررور ھۇجۇمى: 16 ساقچى ئۆلدى" ناملىق خەۋىرىدە مۇنداق مەزمۇنلار يەر ئالغان: " شىنجاڭ " دېگەن بۇ جاي، ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئىدى. 1949 - يىلى خىتاي قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىنىڭ تارىخى 50 يىلدىن ئاشىدۇ.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى ئوخشاش. تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىمۇ ئوخشاش. ھەر ئىككى جاي تىنىچسىز رايون كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ. ئوخشىمايدىغان تەرىپى، دالاي لاما ئالىي ئاپتونومىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا، 1944 - يىلى قۇرغان ئاخىرقى مىللىي دۆلىتى - شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ."
ئۇيغۇرلارنىڭ قۇۋۋىتى
خىتاينىڭ تېررور مۇتەخەسسىسى لى ۋېي بېيجىڭدا گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا: " مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئەڭ زور خەۋپ" دېگەن.
"خىتاي تېررور مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدىكى قارىشى" ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، لى ۋېي يەنە مۇنداق دېگەن: " بۇ ۋەقە (يەنى قەشقەر ۋەقەسى) ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ مۇكەممەل پىلان بىلەن ئىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان قۇۋۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى."
ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى خىتاي زۇلۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ "خىتايغا يەنە بىر ھۇجۇم" ناملىق خەۋىرىدە، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ "ئولىمپىكتىن ئىلگىرى خىتايلار ھېسابسىز ئۇيغۇرلارنى تېررور گۇمانى بىلەن تۈرمىگە سولىدى"، "ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسىدى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرىۋېلىشتىن ئىبارەت" دېگەن سۆزىنى ئالاھىدە قوللانغان ئىدى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، "خىتاي ساقچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە"، "ئولىمپىكتىن ئىلگىرىكى تېررور سىگنالى" قاتارلىق خەۋەرلەر ئا ر د ھەم ز د ف تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەتراپلىق ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلدى.
بۈگۈنگە قەدەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقەلەرنىڭ خىتاي زۇلۇمى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلمەكتە.