خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل تۈردە كۈچەيتمەكتە

خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 2009 ‏- يىللىق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىجرا قىلىشى، بىر تەرەپتىن ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي كەمسىتىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت دىيىشمەكتە.

2009 ‏- يىلى 11 ‏- ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى، پرېزىدېنت باراك ئوبامانى خىتايدا ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشكە دۇچ كېلىۋاتقان ئاياللارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يەنە، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار ھوقۇقىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە مەزكۈر سىياسەت مەيدانغا كەلتۈرگەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى مۈئەييەنلەشتۈردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۈر پائالىيەتكە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتنىشىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىنى دەلىل ‏- پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ ئۆتتى.

گەرچە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىدا، پىلاندىن ئارتۇق ھامىلىنى ئائىلىلەرنىڭ ئىختىيارى بىلەن ئېلىۋىتىشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، مەجبۇرىي ئېلىۋىتىشكە، بولۇپمۇ 6 ئايدىن ئاشقان ھامىلىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاشقا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىسىدىكى ئارزىگۇل تۇرسۇننىڭ 3 - پەرزەنتى، مەجبۇرىي يوسۇندا چۈشۈرۋىتىلمەكچى بولغان ئىدى.

ئارزىگۇل تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى، خەلقئارا مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن كەڭ تەشۋىق قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كىرستوفېر سىمت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەھشىلىكنى توختىتىشقا، ئارزىگۇل تۇرسۇنغا قارىتا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەخسۇس نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ" :مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ۋەھشىيانە ھەرىكەت خىتايدا يېڭى ۋەقە ئەمەس، ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە قەدەر بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن، ئارزىگۇل تۇرسۇن ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ئوپىراتسىيە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ساختىپەزلىكىنى، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتايغا بېرىلىۋاتقان نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ياردىمىنىڭ قانداق ئورۇنغا ئىشلىتىلۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكگە ئاشكارىلايدۇ،" دېگەن ئىدى.

خەلقئارا جامائەت ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن جىددىي بېسىملىرى نەتىجىسدە، ئارزىگۇل تۇرسۇننىڭ " كۈرەش " ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنتى دۇنياغا ئامان ‏- ئېسەن كۆز ئاچتى.

ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىن، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا ئاجرىتىلغان خىراجىتى تەخمىنەن 1 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى، بۇنىڭدا پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنى مۇكاپاتلاش مەبلىغى 459 مىليون يۈەنگە، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى پونكىتىنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن مەبلەغ 106 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋيە يارىتىلغان.

خىتاينىڭ 2009 ‏- يىللىق پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى دوكلاتىدا، يېزىلاردا پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چارىسى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، يېزىلاردىكى پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش قېتىم سانى 54 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن، ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش قۇرۇلۇشى شۇئارى ئاستىدا 319 مىڭ 300 ئائىلە مۇكاپاتلانغان، ئۈمۈر بويى ھەر يىلى 720 يۈەنلىك ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغان پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىسى 61 مىڭ 100 گە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى، ئالىي مەكتەپ ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا كىرىش ئېمتىھانلىرىدا نومۇر قۇشۇش شەرتىگە ئۇيغۇن يالغۇز پەرزەنت دېگەنگە ئوخشاش مۇكاپاتلاش ئۇسۇللىرى بىلەن تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغۇتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

خىتاينىڭ نوپۇس سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئىشلىرىغا مەبلەغ ئاجرىتىشنىڭ ئورنىغا، مەبلەغنى تۇغۇت چەكلەش ئەسلىھەلىرى شۇنىڭدەك نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئازغىنا پۇل بىلەن ئالداش ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش، تۇغۇت چەكلەش باھانىسىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كېسەلگە گىرىپتار قىلىش ھەتتا جېنىغا زامىن بولۇشتەك رەزىل قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۈبەيرە شەمشىدىن خانىم، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە، نوپۇس ئىشلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون بويىچە ھازىرغا قەدەر 69 ناھىيە، شەھەردىكى 12 مىليون نوپۇسنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاش نىسبىتىنى %96.32 كە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئارقىلىق خىتاي، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى كونترول قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.