ئۇيغۇر رايونىدا چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خەۋەرلىرىنى ئاڭلاش چەكلەنمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۆتكەن ھەپتە "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاۋام پۇقرالار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا چەكلىمە قويغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

مەلۇم بولۇشىچە يېقىندا يەنە، قەشقەر تەۋەسىدە، پۇقرالارنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خەۋەرلىرىنى ئاڭلىشىمۇ چەكلەنگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىدە، چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن پۇقرا ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ئورگانلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىللە، پۇقرالارنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇلارنى سىنئالغۇ ۋە رەسىم بىلەن تەمىنلىشى چەكلەنگەن ئىدى.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، پۇقرالارنىڭ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا چەكلىمە قويۇش بىلەن بىللە، پۇقرالارنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلىشىنىمۇ چەكلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.  

ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى، پۇقرالارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر يېزا كادىرى ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز مۇخبىرى گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بەزى خەۋەرلەر خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەرلەرگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، چەتئەل مەتبۇئات خەۋەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ "ئەمەلىي خىزمەتلىرىنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلدى" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن نۆۋەتتىكى ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەت قاتتىق چەكلىمە قويغىنى ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى يوشۇرۇنچە ئاڭلايدىغانلىقىنى، ئەمما تور ئوچۇق بولغىنى ئۈچۈن، پروكسىي ئارقىلىق يەنى ۋاستىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ رادىئو خەۋەرلىرىنى تور ئارقىلىق كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 سۆھبەت جەريانىدا بۇ كىشى يەنە، گەرچە ھۆكۈمەت ھازىر پۇقرالارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىشىنى چەكلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ چەتئەل رادىئولىرىنى ئاڭلىغىنى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئادەملەر ھەققىدە بىر گەپ ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 بىز چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغانلىقى سەۋەبىدىن جازالانغان پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرنى دەلىللەش ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن تەۋەسىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. بىر قانچە ساقچىخانىغا ئۇرغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما خوتەن گۇما ناھىيىلىك ساقچىخانىغا ئۇرغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى.

تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى خادىم دەسلەپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگەن بولسىمۇ، كېيىن سۆھبەت جەريانىدا ئۇنىڭ مىللىتى خىتاي ئىكەنلىكى، ئىلگىرى ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

 بۇ خادىم مۇخبىرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بىزنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، ئاندىن ئۇلارنى زىيارەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. ئۇ گەرچە سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفوندا 10 مىنۇت ئەتراپىدا سۆھبەتلەشتى.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنى مۇشۇ يەردە ئۆگەنگەنلىكىنى، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى دېگەندەك مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، رايوننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەم چەتئەل رادىئولىرىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشىدىكى سەۋەب، خىتايدا يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ۋە شاۋگۈەن ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رايوندا ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن بولۇۋاتماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت