ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بىر ئانىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدىكى شىكايەتلىرى

ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى بىلەن كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشى تېخىمۇ ئېغىر توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىلىرىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا چىققان بىر خانىم ئۇ يەردىكى ئەھۋاللار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋاللارنى، جۈملىدىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئاستىدا ئازاپلارغا دۇچار بولۇۋاتقان ئانىلارنىڭ ئەھۋالىنى قازاقىستاندىكى ئەركىن ۋە ئۆز ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئانىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئابدۇللا ھازىرلىغان بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.