ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىمۇ خەتەرلىك رىقابەتكە دۇچ كەلدى
2011.12.01

ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تەخمىنەن سانى 60 مىڭدىن ئاشتى، ھازىرغىچە 14 ۋىلايەت ھەم شەھەر، 94 ناھىيە بازار ۋە رايوننىڭ ھەممىسىدە ئەيدىز تارالغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا،ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە تۇرپاندىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 91% كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئەيدىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن تارقىلىشى يەنىلا جىددىي بولۇپ، 2010-يىلىغا قارىغاندا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى38.9%ئۆرلىگەن، ئاقما نوپۇسلارنىڭ ئەيدىز تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى يەنىلا قىيىن بولماقتا ئىكەن.
كىشىنى ھەممىدىن ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنى كونترول قىلىشتا ئىلگىرى تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان يېڭى مەسىلىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىش ۋەزىيىتىدە ئەڭ قىيىن بولۇۋاتقان رىقابەتلىك مەسىلە-ئەيدىزنىڭ بەچچىۋازلار ئارقىلىق ئادەتتىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ ياش ئەرلەر ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغانلىقىدۇر.
شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇئى باۋلىڭنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىشىغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ئۇرۇشىدا قاتمۇ قات يېڭى رىقابەتلەرگە دۇچ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان قاراڭغۇ ۋە تېخىمۇ خەتەرلىك تەرەپلەر ئۆزىنى ئاشكارىلىماقتا، مەركەز ئۈرۈمچىدە، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچىدە 15 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئەر جىنىسلىقلار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا يوشۇرۇن ئەيدىزلەر سۇ يۈزىگە چىقماقتا. 2010-يىلىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن ئىسپاتلاندىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياش قىز-ئوغۇللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى ئاشتى، بەچچىۋازلار ھەرىكەتلىنىدىغان شەھەر، رايون ۋە ناھىيىلەر 24 كە يەتتى. ئەيدىزنىڭ بەچچىۋازلىق جىنسىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا تارقىلىۋاتقانلىقى بىز ئۇچراۋاتقان ئەڭ قىيىن ۋە قورقۇنچلۇق بىر مەسىلە، چۈنكى ئۇلار كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىدىغان بولغاچقا، كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا دېگەندەك بۇ يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىشتا ئەڭ قورقۇنچلۇق مەسىلىدۇر»
بىز ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بۇ رىقابەتلىك مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دىلشات بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقنىڭ بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ ئەيدىز بىلىملىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە خوتەنلىك بۇ دېھقاننىڭ جاۋابلىرى كۇپايە بولسا كېرەك: بۇ دېھقان گەرچە ئەيدىزنىڭ ناشايان ئىش ۋە ناشايان كىشىلەردىن يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل دەپ بىلسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىكەن، ئەمما ئۇ بىر نۇقتىنى توغرا ئېيتتى.
دېھقان: «ھۆكۈمەت مۇشۇنداق ناشايان ئىشلارنى ئېلىپ بارىدىغان جايلار ۋە ئادەملەرنى توسىسا، بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇشىنى توسۇپ قالغىلى بولارمىكىن دەيمىنا»
بىز يەنە ئەلئىچى ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات ۋە مەسلىھەت سوراش مەركىزى-يارىپ تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەخمەت قۇربان ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇ گەرچە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا بىر قىسىم خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىدىغانلارنىڭ چەكلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر، بولۇپمۇ بەچچىۋازلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز تارقىتىۋاتقان يېڭى بىر ئاكتىپ كىشىلەر توپىغا ئايلانغانلىقىدەك بىر يېشى مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئەخمەت ئەپەندى «گەرچە بەچچىۋازلىق، ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببەتلىشىش ئەھۋالى ئۇيغۇرلاردا قىسمەن مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى يەنىلا خىتايلار،ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ۋە دىنىي ئەخلاق رامكىلىرىنىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان ئەھۋالنىڭ ئۇ دەرىجىدە كېڭىيىشىگە يول قويمايدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقالغىنىغا 15 يىل بولدى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاشكارا نەرسە پەقەت ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى ئەمما، ئەيدىز تەشۋىقاتنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى-يوشۇرۇن
خەلقنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى-يوشۇرۇن
ئەيدىزلەر سانى-مەۋھۇم
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مىللەتلەر نىسبىتى- يوشۇرۇن
يۇقۇش يوللىرى-يوشۇرۇن
كېلىش مەنبەسى-نامەلۇم
ئەيدىز بولغانلارنىڭ ساقلىق ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى-نامەلۇم
ئەيدىز بولغان بالىلار ئەھۋالى-نامەلۇم
ئەيدىز بولغانلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە داۋالاش-نىسبى، يېتەرلىك ئەمەس
ئەيدىز بولغانلارنى تەرتىپلىك قانۇنلۇق باشقۇرۇش-بۇ ھەقتىكى نىزام يېڭىدىن ماقۇللاندى
ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا نامەلۇم، ھالبۇكى ئاشكارىلىنىۋاتقان نۇقتىلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلگەندىن ۋە كىشىلەرنىڭ قىياسىدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن سىگنال بەرمەكتە.