يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى ئالىمجان قۇرباننىڭ كەشپىياتى كىشىلەر ئارىسىدا تەرىپلەنمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسى سىيەك يېزىسىدىن بولغان ئالىمجان قۇربان يېقىندا پەقەت ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىپ دۋىگاتېل (ماتور) نى ھەرىكەتلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە كەشپىياتچى ئالىمجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.07.01
Keshpiyat-Alimjan-Qurban-305 http://v.blog.sohu.com ﺩﯨﻜﻰ ﺳﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ.
http://v.blog.sohu.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

تېخنىكا مەخپىيەتلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالىمجان ئۆز كەشپىياتىدىكى تېخنىكىلىق تەپسىلاتلار ھەققىدە كۆپ توختىلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئۇ مەزكۇر كەشپىياتىغا خىتاي دۆلەتلىك  ئەقلى مۈلۈك ۋە پاتېنت ھوقۇق ئىدارىسىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

ئەسكەرتىش:   بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى v.blog.sohu.com  دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى  v.blog.sohu.com  نىڭ. ئەگەر سىن ئالغۇ فىلىمى بۇ ئىكراندا كۆرۈنمىسە، v.blog.sohu.com  غا بېرىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.