گوللاندىيىدە «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى

گوللاندىيىنىڭ خارلېم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تامىقى ۋە سەنئىتى تونۇشتۇرۇلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012.11.26
uyghur-medeniyiti-gollandiye-305.jpg گوللاندىيىنىڭ خارلېم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 24-نويابىر.
RFA/Yalqun

بۇ پائالىيەتنى «گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان بىرلىكى»، گوللاندىيە مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئىدارىسى ۋە خارلېم شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان.

پائالىيەتكە گوللاندىيىلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ 100 يېقىن كىشى قاتناشقان. پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشقان. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋالغان نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، «گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى پەرھات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

«گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» نامىدىكى بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشى بىر باشلىنىش بولۇپ، كېلىدىغان يىللاردا بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.