ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلەر ھەققىدە سۆھبەت 2

خىتاي ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بېرى "غەربىي شىمال رايوننى ئېچىش"، "شىنجياڭنى ئېچىش" شىنجياڭنى گۈللەندۈرۈش" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى تۈزگەن بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارقا - ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ "شىنجياڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش" نامى ئاستىدا بىر يۈرۈش سىياسەتلەر بەلگىلىمەكتە. ھەتتا، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە توختىماي ھەيئەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خىتاي ئۈچۈن ئىشلەشكە چاقىرماقتا.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.07.23

" خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى سىياسىتى بۇرۇنقى سىياسىتى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ خىتاي دېگەندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل بولارمۇ؟ خىتاي شىنجياڭ يىغىنىدا تۈزگەن پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈچىگە ئىگىمۇ؟ ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟ " دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئېنىستىتۈتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.