ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ب د ت غا كىرىش تارىخى

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. كېيىنكى يىللاردا بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى تېزلا خەلقئارالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.01.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
rabiye-jenwe-bdt-soz-qilmaqta-305.jpg رابىيە قادىر خانىم ب د ت چاقىرغان 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى. 2011-يىلى نويابىر، شۋېتسارىيە.
RFA/Erkin Tarim

بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشى، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان بەزى سوئاللارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر قېلىشى ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىماقتا. ئۇنداقتا ئۇيغۇر مەسىلىسى قاچاندىن تارتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى؟ 2012-يىلى نەچچە قېتىم ب د ت دە كۈن تەرتىپكە كەلدى؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە پايدىسى بار؟ 2013-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەر بولماقچى؟ ئۇيغۇر مەسىلىسى كېلەچەكتە پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىگە ئايلىنارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مەسئۇلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ب د ت دە ئۇيغۇر مەسىلىسى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنى جەنۋەدە 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى. د ئۇ ق بۇ يىغىنغا 40 قا يېقىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە 40 قا يېقىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىخانىلىرى ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا ئايرىم-ئايرىم خەت يېزىپ، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى مىچەيىل پىلىپىس ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جەنۋەگە بېرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى. مىچەيىل پىلىپىس 2 قېتىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىدا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تەشكىلاتى، خەلقئارا ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەشكىلاتى، خېلسىنكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى، ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ب د ت دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار ماقۇللاندى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنى جەنۋەدە 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە داۋاملاشقان يىغىن جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىش بېجىرگۈچىسى مىچەيىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ب د ت دە مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىغىندا 2010-يىلى، 6-ئايدا 5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان گۈلمىرە ئېمىن مەسىلىسىگە ب د ت نىڭ قول تىقىشىنى تەلەپ قىلىپ، د ئۇ ق تەرىپىدىن مەخسۇس ئەرز سۇنۇلدى. ب د ت بۇ ماتېرىياللارغا ۋە پاكىتلارغا ئاساسەن، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمى يىغىندا، گۈلمىرە ئىمىننى «ھەقسىز تۇتقۇن قىلىنغانلار كاتېگورىيىسىگە» كىرىدىغانلىقى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گۈلمىرە ئىمىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇنىڭ بىلەن 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار كومىتېتى» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى كومىتېتى» نىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلارغا بۇ قېتىم كۇچارلىق دىنىي زات كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە د ئۇ ق تەييارلاپ چىققان مەخسۇس دوكلاتنى تەقدىم قىلدى. ئۇلار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە كېرەم ئابدۇۋېلى ھەققىدىكى ماتېرىيالنى قوبۇل قىلدى.

يەنە بۇ يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، د ئۇ ق ھەيئىتى ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتنى تەقدىم قىلدى. بۇ دوكلاتتا 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاتۇشتا ساقچىلار تەرىپىدىن تەن جازاسىغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن ئەيسا داموللام، قازاقىستاندىن قايتۇرۇلغان ئەرشىدىن ۋە كامبودىئادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

د ئۇ ق ھەيئىتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بولسا، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ھىندىستان، چېخ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ب د ت دە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا خەلقئارا ئەركىنلىك تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى باياناتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. دۆلەتلەردىن چېخ جۇمھۇرىيىتى، ئامېرىكا، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

2012-يىلى ب د ت گە «ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر» ناملىق دوكلات سۇنۇلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدى-كەينىدە، نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىلىشى بىر رېئاللىق بولغان بولىسىمۇ، ئەمما بۇلارنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنۇش ئۈچۈن 23 كىشىنىڭ ھۆججەتلىك پاكىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر» ناملىق 46 بەتلىك مەخسۇس دوكلاتنى تەييارلاپ چىقتى ۋە بۇ دوكلاتنى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلار خىزمەت كومىتېتىغا تەقدىم قىلدى. بۇ دوكلات ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ياخشى قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ بېشىدا بۇ دوكلاتنى قايتىدىن تولۇقلاپ، رەتلەپ چىقىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ، د ئۇ ق بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يوللىدى.

ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلار ھەققىدىكى دوكلاتنى باشقا، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا سۇنۇش ئۈچۈن گۈلمىرە ئىمىن، كېرەم ئابدۇۋېلى، غەيرەت نىياز، مەھبۇبە ئابلەش، ئابدۇغېنى مەمەتىمىن قاتارلىقلار ھەققىدە ماتېرىيال توپلىنىپ تولۇقلاندى.

خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى تەييارلانماقتا

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تۇنجى قېتىم 2009-يىلى 2-ئايدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك دوكلاتىغا قاراپ چىققان ئىدى. يەنى، ئۇ ۋاقىتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت گە مەخسۇس دوكلات سۇنۇپ ۋە كومىتېت ئەزالىرىغا دوكلات بېرىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ب د ت دە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ جەريان 4 يىلدا بىر قېتىم داۋام قىلىدىغان ب د ت نىڭ يېڭى بىر خىزمەت جەريانى بولۇپ، ب د ت نىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى 2-قېتىم ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش 2013-يىلى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 بەتلىك دوكلاتنى ب د ت گە سۇنۇش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ دوكلات ئەڭ كەچ 2013-يىلى 3-ئايغىچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلۇشى كېرەك. شۇڭا بۇ دوكلاتنى ئۆلچەملىك ۋە خەلقئارا پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە تەييارلاپ، ب د ت گە سۇنۇش د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى.

2012-يىلى 11-ئايدا ب د ت دا ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نامىدىن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بىلەن مىچايىل ئەپەندى قاتناشتى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.

ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. خىتاي 2008-يىلى، 9-ئايدا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى دۆلەتلىك دوكلاتىنى ب د ت غا يوللاپ، ھېساب بەرگەن ئىدى. پرىنسىپ بويىچە خىتاي 2012-يىلى ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا ھېساب بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئىلتىماسىغا جاۋاب بەرمەي كەلمەكتە. ئەمما ئەڭ كېچىككەندە 2013-يىلى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش كېرەك. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەن جازاسى ئەھۋالىغا دائىر بىر دوكلات تەييارلاپ، بۇنى ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا سۇنۇشى تەييارلىقىنى قىلىشى د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرگە ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلار» دېگەن تېمىدا بىر خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر 2013-يىلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.