مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدە مىللىي تۈس ۋە خاراكتېردىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي چەكلەنگەندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەشنى يىلدىن-يىلغا كېڭەيتمەكتە ۋە جانلاندۇرماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا، دوپپا كىيگەن رەسىملىرىنى چىقىرىش ۋە دوپپا ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىش يولى بىلەن 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بېتىدە، قۇرۇلتاي رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن باشچىلىقىدا، قۇرۇلتاينىڭ پۈتۈن رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ھەيئەتلىرىنىڭ دوپپا كىيگەن سۈرىتى چىقىرىلدى ۋە دوپپا بايرىمى تەبرىكى بايان قىلىندى.

«ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت دوپپا بايرىمى تەبرىك سۆزىدە: «دوپپا باش كىيىمىمىزلا ئەمەس، كىملىكىمىزنىڭ تاجىدۇر، دۇچ كەلگەن مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا قارىتا ئىسيانىمىزدۇر» دېدى.

«ئۇيغۇر پوچتىسى» ئېلان قىلغان بىر دوپپا ھەققىدىكى قىسقا فىلىمدا، دوپپىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، سەنئىتى، ئىلىم-مەدەنىيىتى ۋە مىللىي خاراكتېرى بىلەن باغلىنىشى تۈركچە يۈكسەك بىر ئەدەبىي تىلدا بايان قىلىندى. بۇ فىلىمدىمۇ دوپپا مىڭ يىللىق بىر مەدەنىيەتنىڭ قورغىنى، بايرىقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتقا قارىتا پوزىتسىيەسى، دۇچ كەلگەن ھەقسىزلىككە قارىتا ئىسيانىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى. دوپپىنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا كىيىلىپ، ئۇيغۇن بولمىغان چاغدا قاتلىنىپ يانچۇققا سېلىنىشى، يانچۇقتىن چىقىرىلغاندا پېتى بۇزۇلماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق ھاياتلاردا ئۆزىنى قوغداش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئوخشىتىلدى.

دوپپا بايرىمى 2009-يىلى 5-ئايدا، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى تاھىر ئىمنىڭ تەشەببۇسى، بىر قىسىم دوستلىرى، تونۇلغان زىيالىيلار، كارخانىچىلارنىڭ قوللىشى ۋە مۇزاكىرىسى بىلەن لايىھەلىنىپ، بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەشنى ئەل-جامائەتكە تەۋسىيە قىلغان. بۇ تەۋسىيە شۇ چاغدىكى تورلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە تارقالغاندىن كېيىن ئامما ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان؛ كېيىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ بايرامنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدە مىللىي تۈس ۋە خاراكتېردىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي چەكلەنگەندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەشنى يىلدىن-يىلغا كېڭەيتمەكتە ۋە جانلاندۇرماقتا.