ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بان كى مۇننى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

ب د ت باش كاتىپى بان كى مۇننىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىبەت ۋە موڭغۇل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 18- ئىيۇل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىكى بان كى مۇننى ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللار، تىبەتتىكى تىبەتلەر ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىلىرىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىدۇ.

ب د ت باش كاتىپى بان كى مۇن 18- ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى سۈرىيە مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر باياناتى بان كى مۇن خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي، مەدەنىي ۋە مىللىي كىملىك مەۋجۇدىيىتىگە ئەڭ ئەجەللىك تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، يۇقىرىقى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە نېگىزلىك ئەركىنلىكلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

باياناتتا بۇلارغا مىسال سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008- يىلىدىكى تىبەتتە يۈز بەرگەن «لخاسا ۋەقەسى»، 2009- شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە 2011- يىلى ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن قارشىلىق نامايىشلىرى ۋە بۇ نامايىشلارنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

باياناتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاينىڭ 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە ناۋى پىللاينىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويغان تۆۋەندىكى سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان: مەن يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن بۇ ۋەقەلەردە ئوتتۇرىغا چىققان زوراۋانلىقلارنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن بويىچە قوللاشقا چاقىرىمەن. مەن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش ۋە ئاز سانلىقلار ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىنماسلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىدە ئالغان مۇشۇ خىل ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.

باياناتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل شەكىلدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش، يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆي چېقىش قاتارلىقلارنى توختىشى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەمىگە سېلىش مەسىلىسىمۇ كۆرسىتىلگەن.

بايانات ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ب د ت باش كاتىپىنىڭ بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان تېررىتورىيىلەردىكى موڭغۇللار، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەجبۇرىيىتى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتايدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىگە قوشۇلۇشقا قىستىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئالىي كومىسسار ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتلەردە ئەھۋال تەكشۈرۈشكە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالايدۇ.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى گوللاندىيىنىڭ گاگا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىگە يېقىندىن ۋە ئەڭ ئاكتىپ كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.