ئۇيغۇرلار مەسىلىسى چەتئەللىك يازغۇچىلارنى جەلىپ قىلماقتا

گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالىكساندىرا خانىم تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان "گۈلدۈرماما" ناملىق ئەسەر ۋە ئەنگلىيىلىك يازغۇچى كىرىستىيان تەيلېر تەرىپىدىن يېزىلغان "تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى" قاتارلىق ئەسەرلەر بۇنىڭ مىسالى.
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008.05.29

 "ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك جەڭچىسىمۇ ياكى تېررورىستمۇ؟"

بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان يەنە بىر كىتاب دۇنياغا كەلگەن. بۇ كىتاب گېرمانىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى پاترىكىيا ۋون ھاھن خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، "ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك جەڭچىسىمۇ ياكى تېررورىستمۇ؟" دېگەن نامدا نەشىردىن چىققان. ئەسەرنىڭ ئومۇمى ھەجمى 156 بەت، 59يېئۇرو باھا بېكىتىلگەن. كىتاب توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي زۇلۇمى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان.

پاترىكىيا ۋون ھاھن خانىمنىڭ ئەمگىكىگە كۆز يۈگۈرىتسەك، ئۇنىڭ قانچە ئونلىغان تەسىرلىك كىتابلارنىڭ ئاپتورى ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. لېكىن بۇ كىتاب ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۇنجى ئەسىرى بولسا كېرەك. كىتابنى در. مۈللەر ئەپەندىنىڭ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى "ئامازون" قاتارلىق ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىن مەلۇم.

تېررورلۇق تۆھمىتىگە جاۋاب

ئەسەرنىڭ كىتاپ مۇقاۋىسىغا چوڭ ھەرىپ بىلەن يېزىلغان ئاساسى ماۋزۇسى: "ئەركىنلىك جەڭچىسىمۇ ياكى تېررورىستمۇ؟" دېگەندىن ئىبارەت. بۇ چوڭ ماۋزۇنىڭ ئاستىغا يەنە كىچىك ھەرپ بىلەن "خىتايدىكى ئۇيغۇرلار" دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن، كىتاپنىڭ تولۇق ئىسمى "خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك جەڭچىسىمۇ ياكى تېررورىستمۇ؟" دېگەندىن ئىبارەت بولغان.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇنداق بىر ماۋزۇنىڭ تاللىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارىتا يىللاردىن بېرى چاپلاپ كەلگەن بۆھتانلىرىغا رەددىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى 15- دېكابىردىن تا ھازىرغا قەدەر چەت`ئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررور تۆھمىتى بىلەن قارىلاپلا قالماي، ۋەتەن ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ مۇشۇ كاتېگورىيىگە سۆرەپ كىرىپ، قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ كەلمەكتە ئىدى. پاترىكىيا خانىمنىڭ بۇنداق بىر كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىدى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى تۆھمەت بىلەن باستۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش بولسا كېرەك ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە دۇنيانىڭ ئىگە چىقىدىغانلىقىنى جاكالىماقچى بولسا كېرەك.
 
پاترىكىيا خانىمنىڭ بۇ كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبتا لايىھىلەنگەن: بىر قارىسىڭىز ئۇيغۇر گىلەملىرىدىكى گۈل نۇسخىسىغا، بىر قارىسىڭىز ئوت يالقۇنىغا، يەنە بىر قارىسىڭىز پارتلاۋاتقان بومبىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق سترولۇق بىر لايىھىنىڭ تاللىنىشى، ئەسەر مەزمۇنىغا ماسلاشقان.

"ئۇيغۇرلار زادى كىم؟"

كىتاب ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەنچىدە مۇنداق يېزىلغان: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە چەت`ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسىگە كىرىشىگە ئىجازەت بېرىش توغرىسىدا ئاخىرقى قارارنى تېخى چىقارمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئوخشاشلا ئىشىكى تاقالغان بىر دۇنيا. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار زادى كىم؟"
 
"خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك جەڭچىسىمۇ ياكى تېررورىستمۇ؟" ناملىق كىتابنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە "ئۇيغۇرلار زادى كىم؟" دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا ياشايدىغان 8 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بولغان بۇ جەسۇر تۈرك مىللىتى، 2001 - يىلىدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئاندىن دۇنيا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى. لېكىن ھە دېگەندىلا ئەل-قائىدە بىلەن ئالاقىسى بولغان بىر رادىكال كۈچ سۈپىتىدە گەۋدىلەندى."

ئۇيغۇر ھەققىدىكى مول مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان

"خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك جەڭچىسىمۇ ياكى تېررورىستمۇ؟" ناملىق كىتابنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە، بۇ كىتابنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى، تارىخى، مەدەنىيىتى، جۇغراپىيىسى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئائىت مەلۇماتلار بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق دەھشەتلىك تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

كىتابتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تارىختىن بۇيان قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى ۋە بۈگۈن يەنە قانداق سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلىرى، يىپەك يولىدىكى سەلتەنەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقى خۇلاسىلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، شىددەتلىك رەۋىشتە ئاسسىمىلاتسىيىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
 
چۈشەندۈرۈشتە يەنە ئەينەن ھالدا مۇنداق دېيىلگەن: " سىز بۇ كىتابتىن ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى كۆپ خىل دىنىي ئېتىقادى، يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى، ئېتنىك تۈزۈلمىسى ھەم ئىسلام دىنى ئېتىقادى بىلەن ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ قانداق زۇلۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى تاپالايسىز."
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.