تۈركىيىدىكى بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تەسىرلىك پائالىيەتلىرى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.04.14
2009.04.14
RFA Photo / Erkin Tarim
ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلىق ئۆلچىمىگە توشسا ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىش ئۈچۈن رەسمىيەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا مۇساپىرلار تۈركىيىدە مەلۇم شەھەرلەردە جاۋاب كۈتىدۇ. بۇنداق جاۋاب كۈتۈپ ياتقان مۇساپىرلاردىن بىرى 2 يىلدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ مەلۇم شەھرىدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا ئەپەندى. ئۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراپ بىر قولىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، سىياسىي بېسىم تۈپەيلىدىن چەتەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ تۈركىيىنىڭ 1 مىليون نۇپۇسقا ئىگە مەلۇم بىر شەھرىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئۆز بېشىغا 10 مىڭلارچە كىشىگە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان.
ئۇنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ئۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقاندا بەزى تۈركلەر ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كېتىدىكەن. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتقانسېرى ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئېيتتى. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.