ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەرقايسى، تۈركىي مىللەتلەر ۋە تۈركىيىدىن كەلگەن مىڭلىغان فېستىۋال ئەھلى قوللىرىدا كۆك بايراق بىلەن تۈركىيىنىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇللىرىنى كۆردى.
ئالاھىدە تەكلىپكە بىنائەن ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى ئويۇن قويۇپ بولغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى سەھنىدە سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ باي سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشىغا شەرت - شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئەتىمەسگۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەنۋەر دېمىرەلگە ئەپەندىگە ۋە تۈرك خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى. كېيىن، ئەنۋەر دېمىرەلگە ئەپەندىگە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كېلىنگەن چوڭ بىر كۆكچە قوغۇن سوۋغات قىلىندى.

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ فېستىۋالغا تۈركىيىدىن 23 جەمئىيەت ۋە ۋەخپە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن ۋەكىللەر قاتناشماقتا.
فېستىۋالنىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان، يېپىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى سىبەل جان نومۇر كۆرسىتىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.