ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىياليلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، خەلقئارادىكى بارلىق مۈمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا. 2006 ‏ - يىلى شىۋېتسىيىدە قۇرۇلغان ۋە ئۆتكەن ھەپتە خەلق ئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى مانا بۇ تىرىشچانلىقنىڭ بىر مەھسۇلىدۇر.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باش كاتىپى قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا قەلەم مەركىزى ب د ت تەرىپىدىن تەرەپسىزلىكى ۋە ئىختىساسلاشقانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان 3 چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئۈچ تەشكىلات، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى، كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدۇر.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ھەر يىلى ب د ت تۇرۇشلۇق ئىككى نەپەر ۋەكىلى بار، ئۇلار ھەر يىلى دۇنيادىكى قەلەمكەشلەر مەسىلىسى ھەققىدە ب د ت غا دوكلات بېرىدۇ، دوكلات، ب د ت تەرىپىدىن ئىشەنچلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. مانا بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقان قەيسەر ئابدۇرۇسۇل، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزىنىڭ غايىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، ب د ت غا قەلەم ئىشلىرى نۇقتىسىدىن كۈن تەرتىپكە ئەكىلىش دەپ بىلدۈرىدۇ.

قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ يەنە بىلدۈرىشىچە، خەلقئارا قەلەم مەركىزى ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت، پارتىيە ۋە گۇرۇھقا بېقىنماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىلەن تەشكىلىي مۇناسىۋەتتە بولالمايدۇ، ئەمما بۇ دېگەنلىك، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس. ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە داۋاملىق ئالاقىدە بولىدۇ.

قەيسەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى يەنىلا قۇرۇلۇش باسقۇچىدا، بۇندىن كېيىن بۇ ئاپپاراتنىڭ مۇكەممەللىشىش ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ غوللۇق بىر ئەزاسىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى تامامەن مەۋجۇت. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى خەلقئارادىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ تونۇلۇش باسقۇچىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار بەردۇق.