د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى: ئۇيغۇرلار قۇرۇلتايدىن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈتىدۇ
2012.05.02

بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 2009-يىل ئۈرۈمچى ئىيۇل پاجىئەسى ھەم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقىمۇ رايونلىرىدا ئورۇن ئالغان قانلىق ۋاقەلەر ۋە نارازىلىقلار، ئاممىۋى تەقىبلەشلەر، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئەلگە ئېقىپ كىرىشى، قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ چېقىلىشى، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ۋە باشقىلار، شۇنداقلا كەڭ قانات يايغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ئۇيغۇر تەقدىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇلۇشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ھېسداشلىق ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ جىددىي ئىكەنلىكىنى يارقىن ھالدا ئىسپاتلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسى، شۇ جۈملىدىن مۇستەقىللىق ئىدىيىسى، كىشىلىك ھوقۇقلىرى، ئۆتمۈش تارىخى ھەم قەدىمىي مەدەنىيىتى، مائارىپى ھەم ئەدەبىياتى مەسىلىلىرى زور قىزىقىش ھاسىل قىلماقتا. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ھەم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە قانداق ۋاقەلەر ھەم ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا مەيداندىكى ئورنى قانچىلىك، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار نېمىنى خالايدۇ ھەم نېمىگە ئىنتىلىدۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار ئەتراپىدا بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.