خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتىدۇ؟
2012.11.29
سەنئەت ئەسلىدە ئېستېتىك گۈزەللىك يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى نۇرلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بەدىئىي ئىجادىيەت پائالىيىتىدۇر. ئۇ ئۆز ماھىيىتى بىلەن ھەر ۋاقىت سىياسەتتىن خالى تۇرۇشنى ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسىي كونتروللۇقتىن مۇستەسنا تۇرۇشنى ئىستەيدۇ. ئەمما تارىختىن بۇيان بىر قىسىم ھۆكۈمرانلارنىڭ سەنئەتنىڭ مەنىۋى قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.
20-ئەسىردە مىللىي سەنئەتنى تۇنجى بولۇپ سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان دۆلەت سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدۇر. شۇندىن كېيىن خىتاي، شىمالىي كورىيە، كۇبا، ۋيېتنام قاتارلىق كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئەللەردە مىللىي سەنئەت جىددىي رەۋىشتە سىياسىيلاشتۇرۇلغان. سەنئەتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ مۇستەقىل ۋە ئەركىن ھالەتتىكى ئىجادىي خاراكتېرىنى بوغۇپ، سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى ئۆزىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى، مەزمۇن ۋە تۈرلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، سەنئەت خاراكتېرىنىڭ نەپىس ۋە جەزىبىدارلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. خىتايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» دەيدىغان نامىمۇ بار. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ گومىنداڭ دەۋرىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» ۋە «مۇقام ئانسامبىلى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ سەنئەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى كۈنسېرى كۆپەيگەن. ھەر دەرىجىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئويۇن كۆرسەتكەن. سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ۋە پاراۋان ئىكەنلىكى» نى تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» نىڭ تاللانغان ئارتىسلىرى خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشى بىلەن چەتئەللەرگە ئەۋەتىلىپ «سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش» نامى بىلەن سىياسىي تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان. بىز بۇ ھەقتە شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.