سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا دىققەت تارتتى

بۇ ئاينىڭ 15- كۈنى خىتاينىڭ بېيجى شەھىرىدە 5 خىتاي ئۆسمۈر ئەخلەت ساندۇقىدا ئۆلۈك بايقىلىپ، خىتاي جەمئىيىتىنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. كېيىن بۇ سەرگەردان بالىلارنىڭ ئىسسىنىش ئۈچۈن ئەخلەت ساندۇقىغا ياققان ئوتتا ئىس ئېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تاقىۋېتىش بۇيرۇق قىلىنىپ بولغان، قانۇنسىز ئىشلەمچىلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپتە بالىلارنىڭ دەم ئېلىش ئويى. 2012-يىلى 26-ئىيۇن، بېيجىڭ.
تاقىۋېتىش بۇيرۇق قىلىنىپ بولغان، قانۇنسىز ئىشلەمچىلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپتە بالىلارنىڭ دەم ئېلىش ئويى. 2012-يىلى 26-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AFP

يۇقىرىقى خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەرگەردان ئۆسمۈرلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. بۇ خەۋەر خىتاي تور ۋە مەتبۇئات دۇنياسىدا ئانچە دىققەتكە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ خەۋەرلەر «ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» گە «ئەخلەت ساندۇقىدا ئۆلگەن بالىلار ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى» سەرلەۋھىسى بىلەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيە جەمئىيىتىدە دىققەت تارتتى.

مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ، خىتايدىكى سەرگەردان بالىلار جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولىمۇ ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گېرمانىيىلىك پروفېسسور بالمۇ ئەپەندى مەيلى قانداقلا بولسىمۇ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىشقا قاراپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن «ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان خىتايدىكى ئەخلەت ساندۇقىدا ئۆلگەن بالىلارنىڭ پاجىئەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئوقۇپ ناھايىتى چۆچۈپ كەتتىم. مەنلا ئەمەس بارلىق كىشىلەر بۇنىڭدىن چۈچۈشى مۇمكىن. بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغانلىق ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغانلىقتۇر.

«ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» دە بېرىلگەن ماقالىدە خىتايدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بارلىرى ھەققىدىمۇ خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ماقالىدە «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 2011-يىلى 4-ئايدا باشلىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش، كونترول قىلىۋېلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» جەريانىدا 2 مىڭ 300 قۇرامىغا يەتمىگەن بالا قۇتقۇزۇۋېلىنغان. قارا گۇرۇھلار بۇ بالىلارنى خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى سودا مەركەزلىرىدە ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بالىلار تاپشۇرۇق بويىچە ئىش قىلمىسا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. بۇ خىلدىكى ئۆسمۈرلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت يېزا، قىشلاقلىرىدىن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن.

بۇ خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىدىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان كائورى خانىم قاتتىق ئازابلانغانلىقنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خەۋەرنى ئوقۇپ يۈرىكىم ئېزىلىپلا كەتتى. چۈنكى مەنمۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى. بالىلار ئىسسىق ئائىلىنىڭ ۋە ئىللىق مەكتەپنىڭ قوينىدا ياشىشى كېرەك. بۇ پاجىئەلەر ئەلۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدىكى مەسىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

پروفېسسور بالمۇ ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئاستىغا نېمە سىرلار يوشۇرۇنغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئېتنىك ۋە تىل جەھەتتىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قارا گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئوغرىلىققا سېلىنىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش. بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە قانداق سىر بارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ بولمىغاندا جەمئىيەتتە مۇشۇنداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.

پىكىرلەر (1)
Share

s

دىن g

مىنىڭ تاغامنىڭ قوڭ ئوغلى ئىچكىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كىيىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئىدى، ئامما ساقچىلار 20 مىڭ يۈەن بېرىشنى دېدى، چۈنكى ئىزدەش چىقىملىرىنى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى چىقىرىدىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا يەنى 2000-يىلى بۇنچىلىك پۇل تاغامغا نىسبەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. چۈنكى تاغام كوچا تازىلىقچىسى بولۇپ مائاشى ئاران 300 يۈەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تاغام بالىسىنىڭ دەردىدە ئاخشىمى ساق ياتقان ئادام ئەتىسى مەڭگۈلۈككە ئورنىدىن تۇرالمىدى. مانا بۇ ئىشقىمۇ 10 نەچچە يىل بولدى. ئوغلىنىڭ خەۋىرى ھازىرغىچە يوق. باشقىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ جەسىتى كوچىدا قالغاچقا، ئىچكىرىدىكى نامسىزلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىۋەتكەنمىش. بۇنداق ئىشلار يۇرتىمىزدا كۆپ. بالىلارنىڭ كەلگۈسى دەپ قالدۇق، قورساقتىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىلار بىز دېيىشىۋاتقان بالىلارغا تەۋە ئەمەسمۇ؟ ئەگەر تەۋە بولسا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قانچىلىغان بىگۇناھ بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىۋەتكەندۇ؟


[بۇ پىكرىڭىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىشلىتىش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تەھرىرلەندى]

Nov 30, 2012 01:20 PM

تولۇق بەت