ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر ھەققىدە يىغىن چاقىرىلدى

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ۋە قاغىلىقتا يۈز بەرگەن 28-فېۋرال ۋەقەسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دالاي لامانىڭ ياپونىيە ۋە شەرقى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى لھاكپا تسوكو ئەپەندى. 2012-يىلى مارت، توكيو.
دالاي لامانىڭ ياپونىيە ۋە شەرقى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى لھاكپا تسوكو ئەپەندى. 2012-يىلى مارت، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

يىغىندا دالاي لامانىڭ ياپونىيە ۋە شەرقى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى لھاكپا تسوكو ئەپەندى تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋە خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى توغرىسىدا، ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى بولسا 28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان. يىغىننى داڭلىق ژۇرنالىست ئارىمىتو كائورى خانىم ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيىدە خىتاي ۋە تىبەت ھەققىدە چاقىرىلغان پۈتۈن يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلىۋېتىپتۇ. بىز يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت