خوتەن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن

بىر قىسىم كۆرگۈچىلەرنىڭ بايان قىلىپ بېرىشىچە، ۋەقە مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ۋەزىيەت ئوخشاشلا جىددىيلىشىپ، تەكشۈرۈش ۋە تەشۋىقاتلار كۈچەيتىلگەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خوتەندە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن ئىدى. خوتەندە ۋەقە يۈز بەرگەندە غۇلجىدا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللاغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن غۇلجىدىكى ۋەزىيەتمۇ ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ كىشى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە قۇلاق سالغايسىلەر.