شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقى باشلانغان - 5 ئىيۇلدىن باشلاپ، نامايىش ئېلىپ بېرىش، ئاخبارات ئورگانلىرىغا مەلۇمات بېرىش، شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا خەت يوللاش، تەشۋىق ۋاراقلىرى ۋە قىرغىنچىلىق ئەھۋاللىرىنى پلاستىنكا قىلىپ تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى يۆتوبورى شەھىرىدىكى ئەزەربەيجان تەشكىلاتى، ئىران ھەزەر - تۈركمەن تەشكىلاتى ۋە ئىراق كەركۈك تۈركمەن تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا شۋېتسىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ قاتناشقان.
نامايىشتا سۆزگە چىققان ئىران ھەزەر-تۈركمەن تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: " بىز تۈرك خەلقى تارىختا ئوخشىمىغان ھاكىمىيەتلەر ئاستىدا زۇلمەتلىك كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدۇق. سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە بۇ تېررىتورىيىدە ياشاۋاتقان تۈرك خەلقى مىليونلاپ قىرىپ تاشلانغان بولسا، ھازىر خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر تۈركلىرىمىزنى قىرىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ئەمدى قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايمىز، ياشىسۇن ئۇيغۇر!"
نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان "ئىراق تۈركمەنلىرى ئادالەت جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى مەمەت راۋۇپ ئەپەندىم مۇنداق دېدى: "بىز پۈتۈن تۈرك دۇنياسى يەنى شىۋېتسىيدە ياشاۋاتقان تۈركلەر شۋېتسىيىنىڭ يۆتوبورى شەھىرىگە توپلاندۇق. بىزنىڭ 25 مىليون ئۇيغۇر تۈرك قېرىنداشلىرىمىز يىللاردىن بىرى خىتاي ئاسارىتىدە زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ. بىز پۈپۈن تۈرك خەلقىنىڭ تىلىمىز، دىنىمىز ۋە تېنىمىز بىر. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان ۇلۇملارنى قوبۇل قىلالمايمىز . بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزدۇر .ئۇلار ئەزەربەيجاندىن، تۈركىيىدىن، ئىراندىن ۋە ئىراقتىن كەلگەنلەردۇر. بىز ھەممىمىز بىر مەقسەت بىلەن بۇ يەرگە توپلاندۇق، بىز ھېچقاچان ئۇيغۇر تۈركلىرىمىزنى يالغۇز قويمايمىز."
بۇ شىۋېتسىيدە ئېلىپ بېرىلغان 3 قېتىملىق نامايىش بولۇپ، نامايىشتىن كىيىن ھەر قايسى جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇندىن كىيىن خىتايغا قارشى قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە شۋېتسىيە دائىرىسىدە تۈرك بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىش ھەققىدە مەسلىھەتتە بولۇشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.