ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى شايىم شاۋايېۋ 70 ياشقا كىردى

قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى شايىم شاۋايېۋنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىك خاتىرە كەچلىكى ئۆتكۈزۈلدى. شايىم شاۋايېۋ تونۇلغان يازغۇچى، درامماتورگ ۋە شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا 17 پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان.

0:00 / 0:00

شۇندقلا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر، رۇس، قازاق ۋە باشقا تىللاردا نەشىر قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ شايىم شاۋايېۋغا بېغىشلانغان كەچلىك پائالىيەت ھەم ئۇنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.