دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى تاللىندا باشلىنىپ ميۇنخېندا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېستونيىنىڭ پايتەختى تاللىندا باشلىنىپ 28-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشقان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.09.30
duq-yighini-estonye-305.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2011-يىلى 27-سېنتەبىر، گېرمانىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى، باش كاتىپ مۇئاۋىنى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىشلىرىدىن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى قاتارلىق 12 كىشى قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، د ئۇ ق نىڭ 6 ئايلىق خىزمەت دوكلاتى، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ۋە تەشكىلى- ئىنتىزام مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ بەزى قارارلار ماقۇللانغان.

بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە مەمەت توختى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.