ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسى ھارپىسىدا «خەتەرلىك» ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدىن ھەيدەلمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى ھارپىسىدا، يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان كىشىلەر ئۈرۈمچىدىن ھەيدەلمەكتە. ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى يەرمەنكىگە تەھدىت دەپ سانالغانلار ھەققىدە مەخسۇس قارا تىزىملىك تۇرغۇزغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىن كەلگەن مەخسۇس ساقچى گۇرۇپپىلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى يۇرتىغا ئەكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. مۇخبىرىمىز بۈگۈن خوتەندىن كېلىپ ئاكتىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلدى. ساقچى خادىمى، مەزكۇر تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.08.31
urumqi-kocha-charlash-305.png ئۈرۈمچىدىكى كوچا چارلاش
AFP


مەلۇم بولۇشىچە، يەرمەنكىگە تەھدىت دەپ قارالغانلار كۆچمە نوپۇسلۇق ئۇيغۇلار ئىچىدىكى ساقال قويغان ئەرلەر، چۈمبەل ئارتقان ئاياللار، شۇنداقلا يەنە سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدىن داۋا قىلىۋاتقان ئەرزدارلار دۇر. 10 نەپەر ساقچى خادىمىدىن تەشكىللەنگەن خوتەن ۋىلايەتلىك تازىلاش گۇرۇپپىسىنىڭ قولىدىكى قارا تىزىملىكتە 27 كىشىنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، نۆۋەتتە ساقچى خادىملىرى بۇ كىشىلەر تۇرۇشلۇق ئۆي ياكى ئىشلەۋاتقان ئورۇنلارغا بېرىپ مەزكۇر كىشىلەرنى يۇرتلىرىغا قايتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىمەكتە؛ رەت قىلغۇچىلارغا بولسا تەھدىت سالماقتا. زىيارەت قىلىنغان ساقچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساقال قويۇش ۋە چۈمبەل ئارتىشتىن باشقا گۇمانلىق قىلمىشى بولمىغاچقا، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ مېڭىشقا چارىسىز قالغان؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن بەلگىلىك مۈھلەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېتىپ بولۇشى ئۈچۈن كاپالەتنامە يازدۇرغان. ساقچىلار يەنە قارا تىزىملىكتىكى بەزى كىشىلەرنى ئۈرۈمچىدىن ئائىلە بويىچە ئايرىلىشقا بۇيرىغان بولسا، بەزىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە سالغان مەبلىغى - ئېچىۋاتقان دۇكانلىرى بولغاچقا، ئائىلىدىن پەقەت بىر كىشى ) ساقال قويغان ياكى ياغلىق ئارتقان( نىلا يۇرتىغا قايتىپ تۇرۇشقا بۇيرىغان. ساقچىلار ئۈرۈمچىدىن كېتىشنى رەت قىلغۇچىلارغا، ساقىلىنى چۈشۈرىۋېتىش ياكى چۈمپەردىسىنى ئېچىۋېتىشنى شەرت قىلغان.

مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەندىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىگە كەلگىلى بىر ئاي بولغان بولۇپ، ئۇلار ھازىرغا قەدەر قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمنى ئىزدەپ، تېپىپ كۆرۈشكەن. بىر قىسمىنى بولسا داۋاملىق ئىزدىمەكتە ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشىگە، يەنە بىرى يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۈرۈمچىدىن ھەيدىلىشكە تېگىشلىك كىشىلەرنى بېكىتىشتە، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاساس قىلغان. يەرمەنكىدىن 3 - 4 ئاي ئىلگىرىلا، ساقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى كۆزىگە سىغمىغان ياكى تەھدىت ھېس قىلغان ئۇيغۇرلارنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، بۇ تىزىملىكنى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە يوللاپ بەرگەن. ۋىلايەتلەر مۇقىملىق خىزمىتىدە تەجرىبىلىك خادىملاردىن مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە ماسلىشىپ، قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى ئۈرۈمچىدىن تازىلاش، بۇ ئارقىلىق ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرمەنكە مەزگىلىدىكى خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، خوتەندىن كەلگەن 10 كىشىلىك گۇرۇپپىدىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ 9 نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپەر خىتاي؛ خىتاي بولسا بۇ گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى. يەرمەنكىگە تەھدىت دەپ قارالغانلار ئارىسىدا خىتاي ئۈلكىلىرىدىن ئېقىپ چىققان كۆچمەنلەر يوق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.