' 30 يىللىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يۈرگۈزۈلگەن يىللار، ئۇيغۇرلارغا ئاپەتلىك 30 يىل'

خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى كونتروللىقىدىكى بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا نۆۋەتتە، خىتايدا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەرب دۇنياسىغا ئېچىلغان ئەڭ ئالدىنقى سەپ، ئەڭ ئالدىنقى مۇھىم ئىشىك ئىكەنلىكى شەرھىلىنىپ، بۇ ئوتتۇز يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقى ھەم ھەر ساھەسىگە مىسلىسىز تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنلىكى تەسۋىرلەنمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.05
Uyg-dixan-hashar1-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﺷﺎﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA File

ئەمما بۇ ھەقتە توختالغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتنى ئىنكار قىلىشقا بولمىسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە، بۇ تەرەققىياتنىڭ پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى  كۆرسەتمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن بۇ 30 يىلنى قانداق باھالايدۇ ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.