ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەھمۇت قەشقىرى پۇرسەت بولدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.29
2008.04.29

/ RFA Erkin Tarim "Yildiz"
بۇلاردىن بىرى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم ۋىلايىتىدىكى ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەھمۇت قەشقىرى ماۋزۇلۇق بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتى ، چورۇم شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە بايقارا ژۇرنىلى ئورتاقلىشىپ ئويۇشتۇرغان. 2008 - يىلى 28 - ئاپرىل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن كەلگەن تۈركولوگلار مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى، ئەسىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇركولوگىيىدىكى يېرى دېگەنگە ئوخشاش ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ مەھمۇت قەشقىرى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قىلغان سۆزى يىغىن ئەھلىنىڭ ۋە ژورنالىستلارنىڭ قاتتىق دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەر چورۇمدىكى 10دىن ئارتۇق گېزىتتە ئالىمجان ئىنايەتنىڭ رەسىمى بىلەن بىرىنچى بەتتە بېرىلگەن.
بۇ خەۋەرگە يىلدىز گېزىتى `قەشقەرلىق پروفېسسور دوكتور ئىنايەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان پەريادى` تېمىسىدا، مەرھابا گېزىتىدە بولسا `مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەندى` تېمىسىدا، دوست خەۋەر گېزىتىدە `تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەھمۇت قەشقىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى` تېمىسىدا، چورۇم خەۋەر گېزىتىدە بولسا `شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقايلى` تېمىسىدا يەر بېرىلگەن.
گېزىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك، ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن. ئالىمجان ئىنايەت سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بۇبۇك ئالىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن بۇ زېمىن 1949 - يىلى خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن بېرى ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىز ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.