ئۇيغۇرلار روزا ھېيت كۈنىدە...
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.09.21
2009.09.21

RFA Photo
تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىنى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىدا، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن بۇيانقى زىيادە چىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ ئالدى - كەينىدە، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش، ھېلىمۇ تۈرمىلىرىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەش، ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق - تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىنى ياد ئېتىش ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشتى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى روزا ھېيت نامىزىنى تۈرك جامائىتى بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى مۇسۇلمانلار ۋە تۈرك قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇدى. ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنى تۈرك جامائىتى بىلەن بىرلىكتە فائىرفاكس شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە زالىدا ئوقۇدى. بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى ئامېرىكا تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى تەشكىللىگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ يىل، ۋىرگىنىيە شتاتى ۋە ۋاشىڭتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت نامىزىغا ئەڭ كۆپ ئىشتىراك قىلغان يىلى ئىكەن.
ۋىرجىنىيە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلاردىن، ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا ئەھۋال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇشۇنداق ھېيت - بايرام كۈنلىرىدىمۇ نورمال تېلېفون ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن دىلدار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىنى ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى سېغىنىش، ئانا يۇرتىنى ئەسلەش ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن، مۇتەللىپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالغانلىقىنى، مۇشۇنداق كۈنلەردە ئۆز ئانا ۋەتىنىدە قالغان ئۇرۇق - تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرلىكتە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە دوست بۇرادەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەتىنىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كۆڭۈلسىز خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىنىدا كۆڭلىنىڭ تولىمۇ يېرىم بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇتەللىپ ئەپەندى تېلېفوندا، قەشقەردىكى روزا ھېيت نامىزىنىڭ يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ نازارىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرى ئىچىدە ئوقۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، قەشقەر شەھىرىدە قايتىدىن ھەربىي كونتروللۇقنىڭ كۈچەيتىلىۋاتقانلىقىنى، ھېيت نامىزىدىن قايتقان جامائەتنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىشىغا توسالغۇلار پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە،ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار روزا ھېيتلىق نامازنى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئۆز قەرەلىدە ئوقۇغان بولۇپ، نامازدىن كېيىن ئۇيغۇرلار خەلقئارا چوڭ بازارغا يىغىلىپ، ناغرا - سۇنايلار ئىچىدە ساما ئۇسۇلى ئويناپ، بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋاپتۇ.
ئەمما، ئۈرۈمچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزى گەرچە ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نامىزىنى قوراللىق ساقچىلارنىڭ " مەسچىت ئەتراپىنى قاتمۇ - قات قوغدىشى" ھەم "مەسچىت ئىچىدە ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنىڭ تەرتىپنى ساقلىشى" ئىچىدە ئوقۇپ تۈگىتىپتۇ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قوراللىق ساقچى قىسىملىرى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاۋېتىپتۇ، ھەتتا مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ ئەتراپىنىمۇ قوراللىق ساقچىلار قوغداۋېتىپتۇ.
روزا ھېيت مەزگىلىدە غۇلجىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، شەنبە كۈنى جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئۆلۈمى ۋەقەسى سەۋەبلىك غۇلجا ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن ئىكەن.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دە غۇلجا قورغاس ناھىيىسىدىن جىنايەت گۇماندارى دەپ قولغا ئېلىنغان شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ساقچىخانىدا سوراق جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلىپ، قانۇن دوختۇرى تەرىپىدىن، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ، ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى سەۋەبىدىن، ئاتا - ئانىسىنىڭ ۋە جامائەتنىڭ نارازىلىقى كېلىپ چىققان ھەمدە ھۆكۈمەت قورغاس ناھىيىسىنى مەركەز قىلىپ، غۇلجا تەۋەسىدە قايتىدىن جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەن ئىكەن.
چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ساقچىخانىدا سوراق جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك غۇلجىنىڭ قايتىدىن جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى، ئۈرۈمچىنىڭمۇ قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ قاتمۇ - قات قورشاۋى ئىچىدە روزا ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ روزا ھېيت مەزگىلىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئامانلىقنى قوغدىشى ئاستىدا روزا ھېيتنى تىنچ خاتىرجەم خۇشال - خورام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرلا بېرىلگەن.