بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىسراپخورلۇقلار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.22
2008.07.22
قۇرئان كەرىمدە:" يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ مۇشۇ ئايەت ئارقىلىق ھەر قانداق سورۇنلاردا بىزگە رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نازۇ - نېمەتلەرنى كەڭتاشا يېيىشكە، ئىچىشكە تەرغىب قىلىدۇ، لېكىن ئىسراپخورلۇق قىلىشىمىزنى قاتتىق چەكلەيدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكەرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلكەرىم ھاجىم ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇملىشىشقا باشلىغان ئىسراپخورلۇق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە ھەشەمەتلىك مىللي ئۆرپ - ئادەت نىقابى ئاستىدا بەس - بەستە ئەۋج ئېلىپ، توي - تۆكۈنلەرنىڭ تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەشەمەتلىرى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ، بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەھدىت پەيدا قىلماقتا. بۇنداق سورۇنلارغا قاتنىشىشنى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى قىلىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، خىزمەت قىلىش، كىتاب كۆرۈش، ئەڭ مۇھىمى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى ياخشىراق تەربىيىلەشكە سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، بىھۇدە ئىشلارغا، توغرىسى چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشكە، باشقىلارغا مەرد تونۇلۇپ ئىمتىياز تىكلەشكە سەرپ قىلماقتا. بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان توي - تۆكۈنلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بەزى ئاتا - ئانىلار مال - دۇنيا يىغىش ياكى مال دۇنياسىنى كۆز - كۆز قىلىش مەقسىتىدە پەرزەنتلىرىنىڭ توي دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىر - بىرىگە قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ، ھەشەمەتلىك قىلىپ جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلماقتا. ئىقتىسادى ئاجىز كىشىلەر بولسا توينى ئاددىي ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كوچىلارغا چىقىپ كېتىپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ئاتا - ئانىلىرىغا نومۇس ئېلىپ كېلىۋاتماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كەلگەن بىر پاجىئە. ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ناماز ئوقۇيدىغان، روزا تۇتىدىغان بۇ مۇسۇلمانلار نىڭ توي ئىشلىرىدىمۇ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:" توينىڭ ئەڭ ياخشىسى چىقىمى ئاز بولغان تويدۇر"دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە:" راسخوتى يېنىك بولغان نىكاھ چوقۇم بەرىكەتلىك نىكاھتۇر" دەپ كۆرسەتكەن.ئاتا - ئانىلار ھەشەمەتلىك توي قىلىشتىن كېلىدىغان قۇرۇق ئابروينى ئويلىماستىن، بەلكى ئەڭ ئاۋۋال پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىنى ۋە كۆڭۈللۈك تۇرمۇش قۇرۇشىنى ئويلىشى كېرەك.