ئەنۋەر توختى: 'ئۇيغۇرلاردىكى راك كېسىلى مېنى ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەتقىقاتىغا ئېلىپ كىردى' (2)

ئەنۋەر توختى ئەپەندى خىتاي لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلىرى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىغان ھەم يىللاردىن بېرى بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.15
Enver-Toxti-yipek-yolidiki-olum-filimida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ، 1998 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ، "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ كەلگەن بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش جەريانى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەردە بۇ ھەقتە بەرگەن دوكلاتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىمىز.

ئەنۋەر توختى ئەپەندى 1998 - يىلى ئەنگىلىيە مۇخبىرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن، "يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق ئاتوم سىناقلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئۇيغۇر زىيالىيسىدۇر.

ئالدىنقى قېتىملىق زىيارىتىمىزدە، ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر رايوندا تېز سۈرەتتە كۆپەيگەن ھەر خىل راك كېسەللىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئۇيغۇرلاردىكى راك كېسىلىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېزلىكتە يامراپ كېتىشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى بەرگەن ئىدۇق.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا راك كېسىلىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەبنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاش جەريانىنى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، 1997 - يىلى بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە چىققان مەزگىلىدە، ئەنگىلىيىلىك ئىككى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ 1994 - يىلدىن 1996 - يىلغىچە ئېلىپ بارغان راك كېسىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يامراپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش جەريانىنى بايان قىلىپ بەرگىنىدە، مۇخبىرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە تولىمۇ قىزىققانلىقىنى، كېيىن رىچارد ۋە لاۋرا ئىسىملىك بۇ ئىككى مۇخبىرنىڭ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇشى بىلەن 1998 - يىلى ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە"يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنۋەر توختى ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، خىتاي لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرى ۋە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش جەريانىنى دۇنياغا تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان "يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش جەريانى ھەققىدە توختالدى.

ئەنۋەر توختى ئەپەندى 1998 - يىلى چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان بىردىن بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىدۇر.

ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2003 - يىلدىن بۇيان ئەنگىلىيە، ياپونىيە، شۋېتسىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىنلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىش جەريانىنى ھەققىدە توختالدى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ئەنۋەر توختى ئەپەندى، بۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە خىتاي لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە داۋاملىق ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.