تەن جازاسىغا قارشى شاھىتلار تەشكىلاتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

"تەن جازاسىغا قارشى شاھىتلار" تەشكىلاتى، پائالىيىتىنى باشلىغان كۈنىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىشى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.
مۇخبىرىمىز ئەقىدە
2011.01.20
ten-jazasigha-qarshi-shahitlar-305 د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەمىي رېگىر خانىم "تەن جازاسىغا قارشى شاھىتلار" تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 2011-يىلى 18-يانۋار.
RFA

ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان "تەن جازاسىغا قارشى شاھىتلار" تەشكىلاتى، 2005-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى شۇ يىلى گۈەنتانامودىكى مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، كۇبادىكى ئىگۇانا ئارىلىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلمەي قايتىپ كەلگەن.

25 كىشىدىن تەشكىل تاپقان بۇ تەشكىلات، پائالىيىتىنى باشلىغان كۈنىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىشى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. تەشكىلات ئەزالىرى 2008-يىلى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئاقساراي ئالدىدا بىر كۈنلۈك نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى شۇنىڭدەك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بۇ نامايىش جەريانىدا " تەن جازاسىغا قارشى شاھىتلار " تەشكىلاتىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى ئەينى ۋاقىتتا گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى تەمسىل قىلىپ، گۈەنتانامو مەھبۇسلىرى كىيىدىغان سېرىق رەڭلىك تۈرمە كىيىمىنى كىيىپ، باشلىرىغا قارا خالتا كىيگەن، پۇتلىرىغا كىشەن، قوللىرىغا كويزا سېلىنغان ھالەتتە نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دىرېكتورى ئەمىي رېگېر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ تەشكىلات پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، كىشىنى قايىل قىلارلىق ئەمىلى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتە تەسىر قوزغىماقتا ئىكەن. مەسىلەن، يېقىندا مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 5 ئۇيغۇرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئەمەس، ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاشلىق ئېلان قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى " تەن جازاسىغا قارشى شاھىتلار" تەشكىلاتى ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش يېغىنى چاقىرغان.

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەمىي رېگىر خانىم قاتنىشىپ، " تەن جازاسىغا قارشى شاھىتلار" تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ۋە سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئەمىي خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، ھەتتا بۇ تەشكىلات ئەزالىرى يېقىندا بېرمۇداغا بېرىپ، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنى يوقلاپ كەلگەن. ئۇلار بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچىلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان، مەدەنىيەتنى سۆيىدىغان، ئاقكۆڭۈل، ئىنسانپەرۋەر بىر خەلق بولغانلىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتكەن.

"تەن جازاسىغا قارشى شاھىتلار " تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە ئەمىي خانىمغا ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 5 ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلمىگۈچە ئۆز پائالىيىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم پائالىيەت پروگراممىسىنىڭ دەل بۇ 5 ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇپ ئەركىن ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.