يېڭى چېگراغا مەبلەغ سېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ باي ۋاڭ جېننىڭ پۇشتى

يېڭى چېگرادا نېفىت ۋە كۆمۈر گازى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ باي، 'خىتاي تەبىئىي گاز شىركىتى' دېگەن شىركەتنىڭ خوجايىنى كىملىكىنى بىلەمسىز؟ خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ئېچىۋېتىش' ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئەڭ چوڭ باي ۋاڭ جېننىڭ ئوغلى ۋاڭ جۈن.

0:00 / 0:00

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ئېچىۋېتىش' ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، ئەنگلىيىدە ئۆزىنى باش بۇغالتېر دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان رۇپېرت خۇگۋېرف، 1999‏ - يىلى بېيجىڭدىكى 'خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى'دا خىتايچە ئۆگىنىۋاتقاندىلا 'بايلار تاختىسى' قۇرۇپ، خىتايدا پەيدا بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئون مىليون يۈەنلىك بايلارنىڭ سانى 870 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە يۈر مىليونلۇق بايلار 55 مىڭ، بىر مىلياردلىق بايلار 1900، يۈز مىلياردلىق بايلار 140.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەلق ئىچىدىكى خۇسۇسىي كارخانىچىلار دەپ ئاتايدۇ. رۇپېرت خۇگۋېرفنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ چوڭ بايلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بايلار 80 ‏ - يىللاردىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار دېڭ شاۋپىڭ، ئەڭ چوڭ كوممۇنىست كاپىتالىست رۇڭ يىرىن، ئەڭ بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان كوممۇنىست قىسىم كوماندىرى ۋاڭ جېنلارنىڭ پۇشتى.

'خىتاي تەبىئىي گاز شىركىتى' نىڭ خوجايىنى ۋاڭ جۈن

'ئېچىۋېتىش' ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، 1980‏ - يىللاردا، ھېچكىم تېخى 'خىيانەتچى ئەمەلدار' دەپ ئاتىمىغان ئەڭ ھوقۇقدار دېڭ شاۋپىڭ، خىتايدا سىرتقا قارىتىلغان بىر چوڭ ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، قىزىل كاپىتالىست رۇڭ يىرېن خوڭكوڭدا قۇرغان 'خەلقئارا ئىناۋەتلىك قەرز ۋە مەبلەغ شىركىتى'دىن پايدىلانغان. بۇ شىركەت 1995‏ - يىلى، ئەڭ بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋاڭ جېننىڭ پۇشتى ۋاڭ جۈننىڭ قولىغا ئۆتكەن.

ۋاڭ جۈن 2006‏ - يىلى بۇ شىركەتنى، خىتاي مەركىزى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كۇڭ يۇەننىڭ پۇشتى كۇڭدەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى 'خىتاي تەبىئىي گاز شىركىتى' دېگەن شىركەتنى قۇرۇپ، دادىسى ئەڭ بۇرۇن ئىشغال قىلغان زېمىننى مۇستەھكەملەشكە باشلىغان. ئۇ، بۇ رايوندىكى نېفىت گازى ئۈچۈن سالغان مەبلەغلىرىنى تەدرىجى ھالدا كۆمۈر گازى ۋە كۆمۈر ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ساھەسىگە كېڭەيتكەن. بۇ كېڭەيمىچىلىكىنى زامانىۋى يېڭى ئۇقۇم بىلەن پەدەزلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە 'شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ' سېلىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ جۈن ھازىر دادىسى ۋاڭ جېن ئەڭ بۇرۇن ئىشغال قىلغان زېمىنگە سېلىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ شەخسىي پۇلى.

ۋاڭ جۈن بىلەن تەيۋەنلىك پېڭ رىچېڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆي - زېمىن شىركىتى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋولت ستېرىت ژۇرنىلى 2010‏ - يىلى 4 - ئايدا، 'خىتاي تەبىئىي گاز شىركىتى' نىڭ خوجايىنى ۋاڭ جۈن بىلەن 'خىتاي ئىناۋەتلىك قەرز ۋە مەبلەغ شىركىتى'نىڭ خوجايىنى تەيۋەنلىك پېڭ رىچېڭ بىرلىشىپ قۇرغان 'باۋشېڭ شىركىتى' دېگەن بىر شىركەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆي - زېمىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا بىر - بىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلغان ئىدى.

توقسۇندىكى ئۈچ چوڭ ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ 80% پاي چېكىنى ۋاڭ جۈن سېتىۋالغان

گېرمانىيىدە چىقىدىغان 'ئەينەك' ھەپتىلىك گېزىتى 2010‏ - يىل 5‏ - ئاينىڭ 9‏ - كۈنىدىكى سانىدا، 'شەرقىي تۈركىستاننى 1949‏ - يىلى ئىشغال قىلغان ۋاڭ جېننىڭ پۇشتى ۋاڭ جۈن، ئۈرۈمچىدىكى تىجارەت بانكىسىغا قوشقان پايدىن 2005‏ - يىلىدىلا 165 مىليون يۈەن پايدا قازاندى؛ 2007‏ - يىلى 6‏ - ئاينىڭ 9‏ - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى نەيىم ياسىنغا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە تەبىئىي گاز ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالىدىغان پىلانىنى تونۇشتۇردى؛ 2006‏ - يىلى 9‏ - ئايدا، توقسۇندىكى ئۈچ چوڭ ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ 80% پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، كۆمۈر گازى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى؛ 2008‏ - يىلىغا كەلگەندە يەنە، كۆمۈر گازى ۋە كۆمۈر ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ئۈچۈن 3 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ مەبلەغ سالدى؛ ئۇ ئەمدى سالىدىغان مەبلەغ سانىنى5 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزمەكچى " دەپ بايان قىلغان ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى 'شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە' دېگەن چوڭ قۇرۇلۇشنى ۋاڭ جۈن سالغۇزۇۋاتىدۇ

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'، ۋاڭ لېچۈەن 2010 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە 'شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە' دېگەن قۇرۇلۇشقا لىنتا كەستى، ھەر خىل چوڭ يىغىن ياكى چوڭ تەبرىك - مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، چەتئەللەر بىلەن سودا -تىجارەت كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان 110 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بۇ چوڭ قۇرۇلۇش بۇ يىل ئاخىرىدا پۈتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى 'شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە' دېگەن بۇ چوڭ قۇرۇلۇشنى ۋاڭ جۈن سالغۇزۇۋاتىدۇ.

جاڭ چۈنشەن ئاتالغۇ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى بۇ يىل 4 ‏- ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن يېڭى ئەمەلدار جاڭ چۈنشەن 2010‏ - يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 23 - كۈنى، 'ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى توپلاش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم مۇنتىزىم ئۇرۇش قىلىش' دېگەن يېڭى شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جاڭ چۈنشەن بۇنىڭدىن بۇرۇن، يىللاردىن بۇيان ئاقمىغان سىياسەتلەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ 'خەلقنى باي قىلىش'، 'چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەپ تەرەققى قىلدۇرۇش'، 'مەڭگۈ ئەمىن قىلىش' دېگەن ئاتالغۇلارنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى ئاتالغۇسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.