ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن 15 يىللىق سىياسى ھاياتىدا، شىنجاڭ خاقانى دەپ نام ئالغان ۋاڭ لېچۇەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر خىتاينىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىگىگە قارىتا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرى بىلەن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسى مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.
بەزى خىتاي مۇلاھىزىچىلىرى يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىدىكى داغلارنى يۇيۇپ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتالايدۇ دەپ قارىسا، بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بىر دەۋرگە ئۆتمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىغىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.